ئەي ئۇماق بىغۇبار سىڭلىم: ئاياللار ھەممىدىن بەك گۇزەللىككە بەك ئىنتىلىدۇ. سەنمۇ ھەم شۇنداق. سەندە ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس لاتاپەت، گۇزەل چىراي بار. لىكىن بۇنى ھەقىقىي گۇزەللىك دىگىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي گۇزەل بۇلاي دىسەڭ ھىچكىمنىڭ يامان گىپىنى قىلغۇچى بولما ! باشقىلار غەيۋەت قىلىشقان يەرگىمۇ بارما ! چېقىمچىلىق قىلما ! چۈنكى: يامان گەپ ياخشى گەپتىنمۇ تىز تارقاپ كىتىدۇ . ئېغىر - بېسىق، كەڭ قۇرساق بول !
يەنە بىر گەپ ئۇماق سىڭلىم: بەزىلەر بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپلا ئۇ مىنى ياخشى كۇردۇ ، مەنمۇ ياخشى كۇرمەن دەپ مۇھەببەتنى ئۇنداق ئاسان ئويلاپ قالما ! ھەقىقىي مۇھەببەت دىگەن بىر خىل شىرىن ھىسيات بۇلۇپلا قالماستىن ئۇ بىرخىل ھەقىقىي سەنئەتتۇر . ئىككى ياشنىڭ ساداقەتلىك قەلبى مۇھەببەتنىڭ بىخەتەر، خاتىرجەم مەنزىلىدۇر. سۆيگۇ ئىنسان ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان گۇزەل ھىسياتتۇر. مۇھەببەت گۇزەل ئەخلاق ئارقىلىق رۇشەن ئىپادىلنىدۇ. گۇزەل ئەخلاق مۇھەببەتنىڭ جېنى ، ئەخلاق ئۆلچىمىدىن چەتنەپ كەتكەن مۇھەببەت ھەقىقىي مۇھەببەت بولمايدۇ . مۇھەببەتنى ياخشى توغرا چۇشەن ئەي سىڭلىم كۆڭۇل ھەممىنى تارتىدۇ بىراق كۆڭۇلدىكى بىر بولسۇن ؛
1037 قېتىم كۆرۈلدى | ablat313 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-3 19:50:18 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|