بالام بولسىدى (شېئىر)
گۈلزىرە
بولۇپ قالسا ئەگەردە مىنىڭ ئوماق بىر قىزىم،
سوقىشىدىن توختارمۇ تەشنا بولغان يۇرىكىم ،
بولوپ ئەگەر بىر ئوغلۇم بولسا مىنىڭ ۋارىسىم،
ئاشار ئىدى ئەمەلگە تەشنا بولغان يۇرىكىم .
بولسا يەنە بىر قىزىم ئىلىپ بەرسەم توي كۆينەك ،
ياساپ قويسام بىر تاتلىق قىلىپ ئۇنى كىپىنەك ،
كۇلۇپ يۇرسە ۋىلىقلاپ دىل بىغمنىڭ ئىچىدە ،
ئوراپ تۇرسا قىزمنى شۇ باغدىكى گۈل چىچەك.
قىز بولسىمۇ مەيلىتى ،ئوغۇل بولسا مەيلىتى ،
نىمە بولسا مەيلىتى پەقەت بالام بولسىدى ،
ئۆلۈپ كەتسەم ياش تۆكۈپ ئەسلەيدىغان بىر ئۆمۈر ،
كۆيۇمى بار كۆيۇمچان ۋاپادارىم بولسىدى ،
ياخشى ئوقۇپ مەكتەپتە بولوپ قالسا بىلىملىك ،
شۇ بىلمنى بىلگۇدەك ئىپتىخارىم بولسىدى ،
ئەگەر باسسا قەدەمنى شان شۆھرەتلىك شەرەپلىك ،
مەن ماختىنىپ يۇرگۇدەك كۈچ مادارىم بولسىدى.
ئازاپلانسام ئازاپنىڭ ئازابىنى بىلىسە ئۇ ،
سۈكۈت قىلىسام سۈكۈتنىڭ سەۋەبىنى بىلسە ئۇ ،
غەمگە پاتسام غىممنىڭ دەۋاسىنى بىلسە ئۇ،
غەملىرىمگە يەتكۇدەك غەمگۈزارىم بولسىسدى.
دىلىمدا نۇر چاچقۇدەك ئاي چولپانىم بولسىدى ،
مان مۇڭ قىلىپ قاتقۇدەك كۈي داستانىم بولسىدى،
جەسۇر بولسا ئەل ئۈچۈن شاھ سۇلتانىم بولسىدى،
تىلەيمەن بىر ئىگەمدىن شۇنداق بالام بولسىدى .
| 108 قېتىم كۆرۈلدى | gulzira | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-22 3:04:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|