*** ئىشىق سالدى سەھرادا " چوغلۇق " ***
تۇرسۇن ئىمىن (شەيدايى )
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى
يۈرۈپتىمەن ئىلگىرى توۋا ،
نازىنىنلار شەھەردىلا دەپ .
دەريا بويى خىلۋەت سەھرادا ،
كۆرۈپ " چوغلۇق "قالدىم تەمتىرەپ .
گۈللەر شاھى شۇمىكىن دېدىم ،
بىتۇيۇقلا بولغاندا پەيدا .
گۈلگە خۇمار -ھېرىسمەن ئىدىم ،
بىراق بۇنچە ئەتمىگەن شەيدا .
چۈشكىنىدە ئاڭا نىگاھىم ،
قالدۇردى تاڭ ئاھۇ كۆزلىرى .
سالاملىرى شۇنچە مۇلايىم ،
بال -ھەسەلدىن شېرىن سۆزلىرى .
كۆتىرىپتۇ قولىدا چىلەك ،
جۇلالىنار چېھرىدە باھار .
جۈپ زىناقى تىترىتەر يۈرەك ،
بوي -بەستىدىن چېچىلار ئىپار .
قېشى قارا ،كىرپىگى تال -تال ،
زىلۋا بەدەن ،لەۋلىرى گىلاس .
ئوڭ مەڭزىگە قونۇپتۇ ئۇز خال ،
قىلدىم ئۇنى پەرى دەپ قىياس .
چىققاندۇ دەپ قانداق جەننەتتىن ،
ئۆز -ئۆزۈمگە تاشلىدىم سۇئال ؟!
يوقتۇر ئىزنا قۇرۇق سۆلەتتىن ،
تۇرار بالقىپ تەبىي سەبى ھال .
قارا تۈنمۇ سۇمبۇل چېچىغا ،
رەڭ تالىشىپ ئەيلەركەن ھەسەت .
چۈشسىمۇ ئاي ئەگەر قېشىغا ،
بەسلىشەلمەي چېكەركەن ھەسرەت .
ئون سەككىزگە يەتمىگەن يېشى ،
قىلار جەۋلان قىزلىق لاتاپەت .
گۈزەللىكتە يوقتۇر تەڭدېشى ،
يولۇقمىغان بۇنداق قىياپەت .
يېڭىلگەنگە بەردىم شۇ ئان تەن ،
تېپىلىدۇ پەردازسىز قىز ئاز .
كەيگەن ئېسىل كېيىمى بىلەن ،
تۈزەپ ھۆسىن ئەيلەپتىكەن ناز .
خان ئەتلەستىن كېيىپتۇ ئىگىن ،
ئۇچىسىغا ياراشقان شۇنداق .
ساپما كەشى پۇتىدا ،تەھسىن -
نازاكىتى چانمىغان بىراق .
شىرىس ياغلىق چىگكەن بېشىغا ،
ئۆتتى سۆيۈپ چېھرىنى شامال .
كۈندەشلىگىم تەپتى تېشىغا ،
( ئاشىقلارغا بۇ ئورتاق مىسال ).
تەققى -تۇرقى ئاددىيلا شۇنچە ،
لېكىن قەلبى غۇبارسىز بەرنا .
چوغلۇق كەبى ئېچىلغان غۇنچە ،
شەرمى -ھايا بابىدا تەنھا .
ئەدەپ بىلەن ئۆتۈپ يېنىمدىن ،
دەريا تامان كەتتى قول سېلىپ .
ئەس -ھۇشۇمنى يوقاتتىم بىردىن ،
يۈرىكىمنى كەتكەندەك ئېلىپ .
«گۈل سەرخىلى كۆپقۇ ! »دەپتىمەن ،
مەدھىيلىسە چوغلۇقنى شائىر .
باغرىمغا ئوت ياقتى ئۇ لىۋەن ،
بولدى زۆھرە ،مەن بۇ دەم تاھىر .
كۆرەلمىدىم كۈتسەممۇ ئۇزاق ،
پۇچىلاندىم ئىشقىدا كۆيۈپ .
ئەھدى قىلدىم تارتىشقا پىراق ،
ئۆمۈر بويى شۇنىلا سۆيۈپ !
ئاپتور : بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستتانسىسىدىن
| 11455 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-10 0:14:29 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|