سەن پۈتمەس بىر سۆيگۈ ،مۇقەددەس قىبلە
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
قۇياشقا تەشنادۇر پۈتكۈل كائىنات ،
ياشاشچۈن ھەممىگە يۇرۇقلۇق كېرەك .
سەن قەلبىم سەتھىدە پاتماس بىر قۇياش ،
بار تەرىپ ساڭا خاس ئەزىزسەن ،يۈكسەك .
ئانامدىن تۆرىلىپ ئۇشبۇ ئالەمدە ،
كۆز ئېچىپ كۆرگىنىم نۇرانە چېھرىڭ .
"كەل ئوغلۇم !"دېدىڭدە ،ئاچتىڭ كەڭ قۇچاق ،
نۇر بولۇپ جىسمىمغا تارالدى مېھرىڭ .
باغرىڭغا بۆلەندىم بوۋاق چېغىمدا ،
ۋەتىنىم سەن ئۆزۈڭ ئالتۇن بۆشۈكىم .
تۇپرىغىڭ بىر تالدىن سىڭدى قېنىمغا ،
سەن بولدۇڭ كۆكرەكتە ئۇرغان يۈرىكىم .
"ۋەتەن "دەپ تۇنجى رەت چىقتى بۇ تىلىم ،
دىلىمدا نامىڭنى قىلدىم مەن زىكىر .
تاغ -دەريا ،باغلىرىڭ ،قىر -ئىدىرلىرىڭ ،
تەپەككۈر خەزىنەمدە ئويغاتتى پىكىر .
تومۇزدا چاڭقىسام يەتكۈزدۈڭ زەمزەم ،
ياپرىغىڭ بېشىمغا بولدى سايىۋەن .
بەردىڭ سەن ھارارەت سوغدا تىترىسەم ،
سەن تۇغقان قۇياش ،ئاي بولدى بىر لېۋەن .
ئۆمرۈمنىڭ يىلتىزى پەقەت سەن ئۆزۈڭ ،
سۆيۈملۈك تۇپرىغىم ئەزىز ئانىجان .
سېنىڭسىز يوق ئېرۇر مېنىڭ بارلىغىم ،
ھەر نەپەس -تىنىغىم ئەجرىڭدىن نىشان .
چىگىلگەچ مەن ساڭا يېشىلمەس بولۇپ ،
ئازاپتا ئۆرتەنسەڭ باغرىم بولدى خۇن .
نۇرلىنىپ كۈلگەندە گۈزەل باھارىڭ ،
شادلىقتىن چېھرىمگە يامراپ چىقتى كۈن .
ئاقىدۇ سەن ئۈچۈن ئىشقىم دەرياسى ،
گەز كەلسە تامچىلاپ ئاقىدۇ قېنىم .
گەر ئۆلسەم بىر زەررەڭ بولۇپ شۇ ھامان ،
تۇپرىغىڭ قېتىغا قوشۇلار تېنىم .
قۇياشقا تەشنادۇر پۈتكۈل مەۋجۇدات ،
ياشاشچۇن نۇر كېرەك -يۇرۇقلۇق كېرەك .
پۈتمەس بىر سۆيگۈ سەن ،مۇقەددەس قىبلە ،
زەررەڭدىن تاڭ كەبى نۇرلىنار تىلەك !
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.22
| 7018 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-5 19:17:16 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|