بۈگۈن
(مۇخەممەس )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
ئۈزىدى ھوت @تەبىئەتكە كۆر :ھەمەل @ھەمدەمدۇر بۈگۈن ،
ئاق لىباسلىق قىش -ئايازغا خاتىمە -بەرھەمدۇر بۈگۈن ،
نورۇز قىزى ئاچتى رۇخسار شادلىق نەسىپ دەمدۇر بۈگۈن ،
چېھرىمىزدەپارلىدى كۈن( غەم -غۇسسىلەر كەمدۈر بۈگۈن )،
ئايەم پەيتى يايرىدى جان ھۈزۇر مۇجەسسەمدۇر بۈگۈن .
قىش پەسىللىك ئۇيقۇسىدىن ئۇيغاندى كەڭ ئالتۇن دىيار ،
گۈل باھارنى ئەتتى باغاش بولغاچ ئاڭا تەشنا -خۇمار ،
ئەتمەس مەستخۇش قايسى دىلنى بۇنداق ۋىسال -لەزىز دىدار ،
ئۆرۈلۈپ يىل ئۆمرىمىزگە يېڭىچە مەزمۇن بولدى يار ،
خىسلىتى مىڭلارچە داستان ،شەرىپى ئەزەمدۇر @بۈگۈن .
كۆكىرىپ قىرلار -ئېدىرلار ،كەيدى يېشىل تاج تاغۇ -تاش ،
چىقتى ئۆچەكتىن تۈرلى جاندار بەس -بەستە شۇنچە ئالدىراش ،
كەلمەكتە كۆكتە سەپ تۈزۈپ تۇرنىلار (ئاۋازى شاش ) ،
ھەرياندا قۇشلار نەغمىسى جانغا ئارامدۇر ھەي ئاداش ،
بەجايىكى تويغا ئەنداز ھېس -تۇيغۇ مەھرەمدۇر بۈگۈن !
چاچتى خۇش ھىد يەر جاھانغا گۈل -چېچەكلەر زەپ ئۇز - لېۋەن ،
پەردازلاندى باغۋارانلاركۆركىدە ھېچ يوقتۇر ئېۋەن ،
قىيغىتار تۆللىرى ھەريان چارۋىلار بەك سېمىز -تېمەن ،
شاۋقۇنلۇق دەريا -ئېقىنلار بويى تۇتاش چىملىق ، چىمەن ،
ئوخچۇيدۇ چەشمە بۇلاقلار سۇلىرى زەزەمدۇر بۈگۈن .
بار ئېتىزغا ،ھالال تەردىن تاپقان رۇناق دېھقاننى كۆر ،
رىزىق ئىزدەپ قارا يەردىن بەل باغلىغان ئىشچاننى كۆر ،
قويمىغان بىزنى ئاش -نانسىز ھاتەم كەبى ئىنساننى كۆر ،
بارچە كەسىپ تاپتى روناق ،يول كەڭرىدۇر ھەر ياننى كۆر ،
تاپقاچ ۋىسال ئارزۇ -تىلەكلەر جانلار بەردەمدۇر بۈگۈن .
مەشرەپ ئەھلى سورۇنلارغا باسماقتا بەس -بەستە قەدەم ،
چېلىنىپ ناغرا ،سۇنايلار قاينايدۇ ساما دەممۇ -دەم ،
قېتىلىپ بېيىت قۇشاقلار ئۇسسۇلغا چۈشتى شوخ سەنەم ،
ئۆغۇللار ئۇچۇرسا لەگلەك ،ئىلەڭگۈچتە قىزلارمۇ ھەم ،
قۇتلۇق ئايەم ۋۇجۇدلارغا شىپالىق مەلھەمدۇر بۈگۈن .
ئانا يۇرتنىڭ گۈزەللىگى چىن سۆيگۈگە بەرمەكتە جان ،
نورۇز ئېشى يېگەن ئاۋام ئۆملۈكنى كۆزلەپ ئىچتى ئان ،
ئۆچ -ئاداۋەت ،سوغۇقچىلىق يۇيۇلدى قالماستىن نىشان ،
ئەمگەك ،مەرتلىك ،خەيرى -ئېھسان...ساۋاپلىق ئىشلار كۆپ ھامان ،
ئەنئەنىۋىي بايرىمىمىز بىر ياخشى ئەردەمدۇر @بۈگۈن .
ئىزاھات :
@ھوت -قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى
@ھەمەل -باھارنىڭ باشلىنىدىغان ئېيى
@ئەزەم -ئەڭ ئۇلۇغ ،ئەڭ كاتتا
@ئەردەم -ئەدەپ -ئەخلاق ،تەرتىپ
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە
ئىستانسىسىدىن
| 10326 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-19 0:56:49 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|