بېھىش كەبى ئۇيغۇر تىلى (شېئىر) - مەمەتجان باش كارۋان

بېھىش كەبى ئۇيغۇر تىلى

مەمەتجان باش كارۋان


ئاسمان گۈمبىزى بىلەن زېمىن تەكشىلىكى ئاراسىدىكى تىلغا ئىگە بارلىق جاندارلارغا ھاياتلىق بىرىنجى مىراس بولسا، تىل ئىككىنجى مىراستۇر. تىل ئۇ مەنىۋىيەتكە كاپالەت بولغۇچى ماددىي كاپالات يالدامىسىدۇر.
كۈن ۋە تۈندە پايپېتەك بولۇپ تۇرغان تەنلەر پەقەت ماددىيلىقنىڭ كاپالىتى بولسا، ئانا تىل بىلەن ئۆزىنى ئىپادە قىلغان، جاھانغا تونۇتقان، بېيىغان روھقا ئىگە تەن ئۇ مەنىۋىيلىك دۇنياسىنىڭمۇ يارىشىقىدۇر. ئانا تىل ئۇ دۇنياغا تۇنجى ئاپرىدە بولغان شۇ ئىنسان بىلەن باشلىنىپ، تاكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە داۋام ئەتكەن تىل كېمىسى ئىنسانغىچە داۋام ئېتىدىغان ئەڭ بۈيۈك مىراستۇر. 


سۆزلەيمەن گۈزەل بالدەك تىلدا بەزى،
گۆھەر كەبى جان تىلىم ئۇيغۇر تىلى.
تارىخقا ھەقدار تىلىم ھەل يار تىلىم،
ئىلىمگە يول كان تىلىم ئۇيغۇر تىلى.

تىلىڭدا ياد ۋە ئوقۇلغان ئۈنچىلەر،
يار بولغۇسى دىلىڭغا شېرىن مەلھەم.
مەۋجۇتلۇقۇڭ كاپالەت ئۇنىڭ بىلەن،
چۆلدەرىگەن دىلىڭغا بولغاي شەبنەم.

تىلىڭ بىلەن تونۇلدۇڭ ھەم دۇنياغا،
زەر نامىڭ ئايان تارىخ بەتلىرىدە.
تىلدېشىڭمۇ خۇشال بۇنىڭدىن ھەتتا،
سۆيگۈ، ئىنتىلىش ئوقچۇپ تەنلىرىدە.

ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى گۈل تىلىم،
سەن ئۆزۈڭ رەيھان ئارا بېھىش كەبى.
سەن بىلەن سۆزلىسەم شادلىنار دىلىم،
بىلىنەر ھەم مەۋجۇتلۇق ھايات تەمى.

مەمەتجان باش كارۋان بېغىشلىمىسى بىلەن 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە ئاتاپ يېزىلدى. 





240 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-2-19 17:24:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ