يالغان (شېئىر) - قەلبىنۇر قاينام

 يالغان
              
قەلبىنۇر قاينام

غېرىپ باسقان ئايدىڭ كەچلەردە،
سېنى ئويلاپ ياتقىنىم يالغان.
شېرىن خىيال لەرزىنى سۈرۈپ،
سۈرىتىڭگە قارىغىنىم يالغان.

بىللە ئىدۇق بىر  زامانلاردا،
قوللىرىڭنى تۇتقىنىم يالغان.
سۆزلىرىڭدىن ئالەم زوق ئېلىپ،
مىلىق-مىلىق كۈلگىنىم يالغان.  

يازمۇ ئۆتۈپ كەلدى ئەنە قىش،
يوللىرىڭغا قارىغىنىم يالغان.
لەپ-لەپ ياققان ئاشۇ قارلاردا،
ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكىنىم يالغان.

چېچەك باسقان شۇ زىمىستاندا،
سېنى يولدا كۆرگىنىم يالغان.
زىنھار قېتىپ تۇرۇپ بىر  ھازا،
كۆزلىرىمگە ئۇرغىنىم يالغان.

نېمىمۇ دەي مۇشۇ كۆرگەن كۈنلىرىمگە،
ئاشىق كەبى مەۋلۇت بولۇپ يۈرگىنىم يالغان.
ئېغىزىمدا مىڭ پىچىرلاپ گەر ئۇنۇتتۇم دەپ،
يۈرىكىمنىڭ جازاسىنى تارتقىنىم يالغان.....

 3-ئاپرىل         绵阳

     





105 قېتىم كۆرۈلدى قەلبىنۇر قاينام ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-4 21:46:07  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ