سالونچى
سىراجىدىن جەۋلانى
توۋا دەپ، تۇتتۇم ياقا،
ئۈندىداردا قۇرۇپ بازار.
نېمە بازار كەن دېمەڭ،
ھەممىسى يولدىن ئازار.
بازارغا سېلىپ ئۆزىنى،
بېلەتنى تاشلاپ قويسا.
رەسىم يوللىغان قىزلار،
ئۈندىدارغا بىر تويسا.
خالىسىڭىز سۆز قالدۇرۇڭ،
تونۇشۇپ قالايلى دېسە.
شۇ سالوننى قۇرغۇچى،
توخۇ پوقىنى يېسە.
ئۇ ئۆزىچە كۆرەڭلەپ،
قورۇۋالدىم سالون دەپ.
دەللاللىق قىلىپ ھەر كۈنى،
ھارمايدۇ ئۇ پوقنى يەپ.
مەن دەپ قوياي سالونچى،
ياخشى سالون كۆپ تۇرسا.
ھەرگىز ئاشما ھەددىڭدىن،
ئىگىسى بىر كۈنى ئۇرسا.
تەگسۇن مېنىڭ بۇ گېپىم،
شۇنداق ناچار سالونچېغا.
قوللىمايدۇ ھېچكىم ئۇنى،
يوقال دەللال ئپلاسلار.
قوللايدىكەن راست ئۇنى،
قىزلارنىڭ بېشىنى ئوڭلا.
تورغا سۈرەت يوللىساڭ،
ئۈندىدارىڭ بىر توڭلار.
ياخشىلار مەندىن رىغبەت،
باسمىسۇن بىزنى كۈلپەت.
بىلىم ئۈچۈن ئات سېلىڭ،
تۈگىسۇن بىزدىكى ئىللەت.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ شېئىرنى ئۈندېداردىكى ناچار سالونچېلارغا بىغىشلايمەن
سىراجىدىن جەۋلانى
2016-12-19
583 قېتىم كۆرۈلدى | سىراجىدىن جەۋلانى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-20 0:05:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-2-8 5:15:08 | akkax |
توغرا |
2016-12-22 18:02:44 | بىر تامچە |
👍👍👍👍👍بىلىمىڭىز زىيادە بولسۇن ،… |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|