بۈگۈن (مۇخەممەس) - تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى

 بۈگۈن

(مۇخەممەس )
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )

ئۈزىدى ھوت @تەبىئەتكە كۆر :ھەمەل @ھەمدەمدۇر بۈگۈن ،
ئاق لىباسلىق قىش -ئايازغا خاتىمە -بەرھەمدۇر بۈگۈن ،
نورۇز قىزى ئاچتى  رۇخسار شادلىق نەسىپ دەمدۇر بۈگۈن ،
چېھرىمىزدەپارلىدى كۈن( غەم -غۇسسىلەر كەمدۈر بۈگۈن )،
ئايەم پەيتى يايرىدى جان ھۈزۇر مۇجەسسەمدۇر بۈگۈن .

قىش پەسىللىك ئۇيقۇسىدىن ئۇيغاندى كەڭ ئالتۇن دىيار ،
گۈل باھارنى ئەتتى باغاش بولغاچ ئاڭا تەشنا -خۇمار ،
ئەتمەس مەستخۇش قايسى دىلنى بۇنداق ۋىسال -لەزىز دىدار ،
ئۆرۈلۈپ يىل ئۆمرىمىزگە يېڭىچە مەزمۇن بولدى يار ،
خىسلىتى مىڭلارچە داستان ،شەرىپى  ئەزەمدۇر @بۈگۈن .

كۆكىرىپ  قىرلار -ئېدىرلار ،كەيدى يېشىل تاج تاغۇ -تاش ،
چىقتى ئۆچەكتىن تۈرلى جاندار بەس -بەستە شۇنچە ئالدىراش ،
كەلمەكتە كۆكتە سەپ تۈزۈپ تۇرنىلار (ئاۋازى شاش ) ،
ھەرياندا قۇشلار نەغمىسى جانغا ئارامدۇر ھەي ئاداش ،
بەجايىكى تويغا ئەنداز ھېس -تۇيغۇ مەھرەمدۇر بۈگۈن !

چاچتى خۇش ھىد يەر جاھانغا گۈل -چېچەكلەر زەپ ئۇز - لېۋەن ،
پەردازلاندى باغۋارانلاركۆركىدە ھېچ يوقتۇر ئېۋەن ،
قىيغىتار تۆللىرى ھەريان چارۋىلار بەك  سېمىز -تېمەن ،
شاۋقۇنلۇق دەريا -ئېقىنلار بويى تۇتاش چىملىق ، چىمەن ،
ئوخچۇيدۇ چەشمە بۇلاقلار سۇلىرى زەزەمدۇر بۈگۈن .

بار ئېتىزغا ،ھالال تەردىن تاپقان رۇناق دېھقاننى كۆر ،
رىزىق ئىزدەپ قارا يەردىن بەل باغلىغان ئىشچاننى كۆر ،
قويمىغان بىزنى ئاش -نانسىز ھاتەم كەبى ئىنساننى كۆر ،
بارچە كەسىپ تاپتى روناق ،يول كەڭرىدۇر ھەر ياننى كۆر ،
تاپقاچ ۋىسال   ئارزۇ -تىلەكلەر جانلار بەردەمدۇر بۈگۈن .

مەشرەپ ئەھلى سورۇنلارغا باسماقتا بەس -بەستە  قەدەم ،
چېلىنىپ ناغرا ،سۇنايلار قاينايدۇ ساما دەممۇ -دەم  ،
قېتىلىپ بېيىت قۇشاقلار  ئۇسسۇلغا چۈشتى  شوخ سەنەم ،
ئۆغۇللار ئۇچۇرسا لەگلەك ،ئىلەڭگۈچتە قىزلارمۇ ھەم ،
قۇتلۇق ئايەم ۋۇجۇدلارغا شىپالىق مەلھەمدۇر بۈگۈن .

ئانا  يۇرتنىڭ  گۈزەللىگى چىن سۆيگۈگە  بەرمەكتە جان ،
نورۇز ئېشى يېگەن ئاۋام ئۆملۈكنى كۆزلەپ ئىچتى ئان ،
ئۆچ -ئاداۋەت ،سوغۇقچىلىق يۇيۇلدى قالماستىن نىشان ،
ئەمگەك ،مەرتلىك ،خەيرى -ئېھسان...ساۋاپلىق ئىشلار كۆپ ھامان ،
ئەنئەنىۋىي بايرىمىمىز بىر ياخشى ئەردەمدۇر @بۈگۈن  .

ئىزاھات :
@ھوت -قىشنىڭ ئاخىرقى ئېيى
@ھەمەل -باھارنىڭ باشلىنىدىغان ئېيى
@ئەزەم -ئەڭ ئۇلۇغ ،ئەڭ كاتتا
@ئەردەم -ئەدەپ -ئەخلاق ،تەرتىپ

ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلېۋىزىيە
ئىستانسىسىدىن

     





10326 قېتىم كۆرۈلدى xeydayi ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-19 0:56:49  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ