مىھىرلىك قەلىب
يۇلتۇز
ياشاپ كەلدىم بۇ ھاياتتا مىھرىم بىلەن،
ئىنسانلارنى ياخشى يامان دەپ ئايرىماي.
نىمە دىسە ئىشەندىممەن ساپ دىل بىلەن،
ئۇلار ئۈچۈن ھەم قىلچە قارا سانىماي.
تەسەللىي بەردىم دەرت تارتىپ ياش تۆككەنگە،
ئازاپلانما ئۈتۈپ كىتەر بۇ كۈنلەر دەپ.
بوپتۇ دىدىم مىنى يامان دەپ سۆككەنگە ،
ئۇمۇ بىر كۈن مىنى چۈشىنىپ قالاردەپ.
قېرىنداشلىرىم دائىم قاپاق تۈرسىمۇ ،
كۈلۈپلا باقتىم قېرىندىشىم ئىكەن دەپ.
چەتكە قېقىپ مىنى دائىم ئۆچ كۆرسىمۇ،
دۇئا قىلدىم تىنى سالامەت بولسۇن دەپ.
ئىشەنگەنتىم دوسلىرىمنى ئۆز كۈرۈپ،
لېكىن مەندىن يۈز ئۆرىدى نەپ ئالدىدا.
ئىزلىمىسىمۇ ئىزلەپ تۇردۇم چوڭ كۈرۈپ،
ئازار يىسەم يىغلاپ يۈردۈم ھەم دالدىدا.
ھايات سىنىڭ سىناقلىرىڭ بەك كۆپ ئىكەن،
ئازاپ چەكتىم سىناقلىرىڭدىن ئۈتەلمەي .
گۈلىنى ئاياپ بەرگىنىڭ شۇ كۆك تىكەن،
شۇنداقتىمۇ چىدىدىم سەندىن كىچەلمەي.
ئاپتۇرى؛ يۇلتۇز (ئەسلىمە )
2016-يىلى2-ئاينىڭ5-كۈنى
191 قېتىم كۆرۈلدى | يۇلتۇز | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-17 16:07:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-3-4 19:35:12 | پاتىگۈل |
ياخشى يېزىلىپتۇ،مۇشۇنداق ياشاۋاتقانلار ئاز ئەمەس جۇمۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|