مەكتەپ تەربىسىدىكى بالىلار - ئىسھاق

 مەكتەپ تەربىيەسىدىكى بالىلار
ئىسھاق


     مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا پارلاق مەنزىلنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرانە مەشئەل.مەكتەپ بىلىم ئىشقىدا چاڭقىغان بىلىمگە تەشنا قاغجىرغان يۈرەكلەرنى ئابىي ھايات سۈيى بىلەن سۇغىرىدىغان خاسىيەتلىك بۇلاق.مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلىپ قۇلۇبىنى،زېھنىي قابىليىتىنى  ئاچىدىغان بىلىم ئۆگىنىش سورىنى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ  مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشنى،يېڭى شەيئىلەرنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش ئېڭىنى يوقىرى كۆتۈرۈپ،ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ  تېخىمۇ مول بىلىملەر بىلەن تەربىيلەيدىغان بەيگە مەيدانى.مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇرەككەپ قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇققاندا توغرا ھۆكۈم چىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرىدىغان مەرىپەت بۆشۈكى.مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تۈرلۈك دەرسلىك بىلىملىرى بىلەنلا تەربىيلەپ قالماي بەلكى ئەدەپ- ئەخلاق،قائىدە-يوسۇن،قانۇن -نىزاملار بىلەن مۇنتىزىم تەربىيەگە ئىگە قىلىدىغان ئىلىمنىڭ كانى.ئوقۇغۇچىلار  مەكتەپ قوينىغا قەدەم باسقان كۈندىن باشلاپ تۇنجى بولۇپ ئۆگىنىدىغىنى مەكتەپ تۈزىمىگە رىئايە قىلىشنى،باشقىلار بىلەن ئىتتىپاق ئۆتۈشنى،ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى،ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈشنى ئۆگەنسە، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاتا-ئانىسىنىڭ ،چوڭلارنىڭ سۆزىنى ياخشى ئاڭلاشنى،تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بولۇپ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار مانا مۇشۇنداق مۇنتىزىم تەربىيەنىڭ تۈرتكىسىدە مۇئەللىملەرنى ئۆز ئاتا-ئانىسىدىنمۇ بەكرەك ھۆرمەت قىلىدىغان،گېپىنى ئاڭلايدىغان روھنى يېتىلدۈرىدۇ.دېمەك ئوقۇغۇچىلار يەسلىي مائارىپىنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئالىي مەكتەپلەرنى تاماملىغىچە بولغان جەرياندا ئۆز مەكتىپىنى ئىككىنچى ئائىلەم دەپ بىلىدىغان،كەلگۈسى ئۈچۈن پارلاق يول كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇقەددەس بىلىم كانى دەپ قارايدىغان كۆز قاراشنى يېتىلدۈرىدۇ.ھەرقانداق بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تولۇق تاماملىيالىسىلا كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،شۇڭا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمكانغا قەدەر تىرىشىپ ئوقۇپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
     





136 قېتىم كۆرۈلدى ئىسھاق ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-29 21:35:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ