غايەم ئۈچۈن
ھەسەنجان ئارىپ
ياشىدىم ،،غايەم ئۈچۈن چەكتىم جاپا،
تارتساممۇ نە بىر رىيازەت بولماي خاپا.
شاتلىنىپ بىر كۈلمىدى ئاجىز كۆڭۈل،
يۈرىگىم قان يىغلىدى كۆرمەي ۋاپا.
چارىسىز سۈكۈتتە يەنە چىداپ كەلدىم،
بەزلىدىم ئۆزۈمنى ئاچچىق يۈتۈپ كەلدىم.
ئۈمۈدلەر ئالداپ مىنى قىلغاچ ئەسىر،
غايەم ئۈچۈن سەبىر قىلدىم،كۆنۈپ كەلدىم.
دەرتلىرىم تېشىپ كەتتى تۆكىۋەتتىم،
يىغلاشقا رايىم يوق كۈلۈپ كەتتىم .
ياغمىغاچ مەن ئۈچۈن يامغۇر-يىغىن،
قوغداشقا ئمكان يوق كۆيۈپ كەتتىم.
نە سەۋەپ بۇ ئازاپنىڭ قۇلىمەن،
قۇتۇلۇپ قاچانمۇ بىر كۈلىمەن.
ئرادەم جېنىمغا -جان قۇشۇپ تۇرغاچ،
يىقىلسام يەنە قايتا تۇرىمەن.
سوئاللار سوراق قىلدى ۋىجدانىمنى،
ئەپسۇس ھىچكىم بىلمەيدۇ پىغانىمنى.
تاقەتسىز قەلىمىم تۇرۇپ ئۆرە!
ئويغاتتى ئۇيقۇدىكى ئلھامىمنى.
ھەسەنجان ئارىپ
2016-يىل2-ئاينىڭ5-كۈنى
(ئاۋات ناھىيە يېڭرىق يىزا)
92 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان ئارىپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-18 1:21:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|