ئۆلەر بىر كۈنى - سەۋدا

 ئۆلەر بىر كۈنى
(ســــەۋدا)

ھارام مال يەپ قورساق سالغانلار،
مەزلۇملارنى زار يىغلاتقانلار،
ئاجىزلارنى بوزەك قىلغانلار،
بالىلارنى ئېلىپ قاچقانلار،
ئەجەل كېلىپ ئۆلەر بىركۈنى .


ياشاپ كەتتى جاھانغا پاتماي،
خەق رىزقىدىن قولىنى يىغماي،
ئاز كۆرۈندى يىغسىمۇ تالاي،
بىچارىنىڭ يېشىنى قورۇتماي،
قورساق سالدى يەپمۇ ھېچ قانماي،
ھارامخورلار ئۆلەر بىر كۈنى .


ياش ئاققۇزۇپ مەزلۇم كۆزىدىن،
ھەممە قورقسۇن دەيدۇ ئۆزىدىن،
دەريالارمۇ قۇرار دەستىدىن ،
تىكەن ئۈنەر باسقان ئىزىدىن،
زالىملارمۇ ئۆلەر بىر كۈنى .


ۋەيران قىلدى گۈلدەك ئۆيلەرنى،
يۇلۇپ ئالدى ياش غۇنچىلەرنى،
ئېلىپ-ساتتى سەبىي بالىلارنى،
ئەگرى قىلدى تۈز نوتىلارنى ،
بۇ ئوغرىلار ئۆلەر بىر كۈنى .


باقى ئەمەس تۆت كۈنلۈك ئالەم،
ئىلاھ ئەمەس ئازىدۇ ئادەم،
يارقىل ئۆزۈڭ تەۋبىنى ھەردەم،
توغرا بولسۇن باسقان ھەر قەدەم،
غادايمىغىن ،ياشىغىن ئەردەم،
ئىنسان ئۆلەر ھامان بىر كۈنى .
     





109 قېتىم كۆرۈلدى sawda0903 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-21 20:26:29  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-22 21:41:44 rana
yahxi yizipsiz apirin
2016-10-22 20:34:47 رازىيە
ياخشى ، ئىنشائاللا داۋاملىق تىرىشىڭ 
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ