قېرىنداش بۇ نىمە ؟
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
شېئىر يازماق بولدۇم قار سىياھ بىلەن ،
ئوچۇق بولۇپ گويا مۆھۈر باسقاندەك.
يۈرەكلەرگە سىڭسۇن قات-قېتى بىلەن ،
گويا ئۇنىسىز مەڭگۈ ياشىيالمايدىغاندەك.
***** ***** *****
بۈركۈت بولسا ئەگەر ئۇ ئۆزى ،
پەستە قالغانغا قانات بولاتتىغۇ.
قول يارلانسا يىغلىغاندەك كۆزى ،
يۈرەكلەر ھەمنەپەس يىغلاپ كىتەتىتىغۇ.
***** ***** *****
نەزەر سالدىم كۆردۈم نەچچە رەت ،
ئوخشىمايدۇ ئۇ ئەسلا بۈركۈت ئەمەس.
ئېچىرقاپ كەتكەن خۇددى ئىتلاردەك ،
خىرىس قىلىپ كەلمەكتە بىر پەس .
***** ***** *****
ئۇچۇپ يۈرگەن ئەركىن قۇشلار ئىدۇق،
بىر بىرىمىزنى چىشلەپ قاناتسىز بولدۇق.
سەرسان بولۇپ يەنە چېچىلىپ كەتتۇق،
بۇمۇ يەتمىگەندەك ئەمدى تىللىشىپ يۈردۇق.
***** ***** *****
بىرى كىلىپ زەھىرنى چاچار ،
چۆلدە قالغان قانخور يىلاندەك.
بەزىلىرى قىلار يەنە ساختىلىق ،
خۇددى ئۆزىنىڭ ئارزۇ پىلانىدەك.
***** ***** *****
قېرىنداش كۈلىدۈ سەن كۈلگەندە ئەنە ،
يىغلىساڭ سەبىر دەپ بەزلەيدۇ يەنە.
قېرىنداش مىھىرى ئىنتايىن ئۇلۇغ ،
سەن ئۈچۈن جان بىرەر يەنە.
***** ***** *****
پۇل تېپىپ ھەم يۈز تاپقاندا سەن ،
يۈگرەپ كەلسە بولغىن سەن پەقەس.
سەن يىغىلغان ئۇشبۇ ۋاقىتتا ،
كۈلۈپ يۈرگەن قېرىنداش ئەمەس.
***** ***** *****
قېرىنداشتا يوق ئەسلا كىبىرلىك ،
خاتا بولسا توغرىغا يىتەكلەر.
يوقالماس بۇنىڭدا قەتئى بىرلىك ،
نۇر بۇلۇپ يانار ئارزۇ - تىلەكلەر.
2016.8.23*******كەچ
##ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 156 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-20 11:45:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|