غورا (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

غورا
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

باھار بىلەن ھەممە جاي،
بېزەلدىغۇ چىچەككە،
چۇقان سېلىپ بالىلار،
يەتتى ئاۋاز پەلەككە.

بال ھەرىلەر غېڭىلداپ،
ئويناقشدى باغلاردا،
چىچەكلەردىن زوقلۇنۇپ،
قوندى ئۈرۈك شېخىغا.

چېچەك ئاچسا ئۈرۈكلەر،
بال ھەرىلەر زوقلاندى،
يارىشىپتۇ تونلىرى،
قاماشتۇرار كۆزلەرنى.

شامال چىقسا،چىچەكلەر،
تۆكىلىشكە باشلىدى،
ئىللىق قۇياش نۇرىدا،
ئۈرۈكلىرىم غورلىدى.

بالىلارغا مۇبارەك،
بايراملىرى مول بولدى،
پىژغىرىملىق ئاپتاپتا،
غورىلارمۇ ئالايدى.

يازنىڭ يېڭى سوۋغىسى،
ئالىيىپتۇ غورىلار،
يىيىشىدىن زوقلۇنۇپ،
قارىشىپتۇ بالىلار.

چۈچىمەلكەن غورا دەپ،
يىيىشتىغۇ تالىشىپ،
ئىشتىھادا ھوزۇرلۇق،
يىگەنتىغۇ مۇڭلۇنۇپ.

شۆلگەيلىرىم ئاقتىغۇ،
ئالايغاچقا غورىلار،
قورساقلىرىم تولغاندى،
كۆپ يېگەچكە غورىلار.
     





108 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 22:33:22  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ