مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى - ئەسقەر قۇربان ئىقبال

 مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى
ئەسقەر قۇربان ئىقبال

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،
ۋىسالسىز سۆيگۈدە يۇرۈپ ھەر كۈنى.
تەنھالىق ئىلكىدە يۈرەكلەر چاك -چاك ،
شۇ سوغۇق ھۇجرىدا كۈتۈپ مەن سېنى.

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،
ئىنتىزار ئىدىمغۇ ئوتلۇق  سۆيۈشكە.
شۇ تاتلىق لىۋىڭگە لەۋلەر ياماشسا،
مەن رازى ئىدىمغۇ كۈل بوپ كۆيۈشكە.

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،
شۇ يېرىم كېچىدە تەنھا ئاي ھەمراھ.
سەن ئۈچۈن يۈرىكىم سوقار تېنىمسىز.
ئاشىقلىق دەردىمگە بولساڭچۇ شىپاھ ،

مەن سېنى سۆيەتتىم سەنمۇ ھەم مېنى،
كۈتۈشنىڭ ئازابى قىينايدۇ مېنى.
رىزقىمىز قوشۇلساڭ ناۋادا بىر كۈن.
سۈرىمىز مەڭگۈگە ۋىسال پەيزىنى .

ئاقسۇ -كەلپىن.
2016.9.21
     





89 قېتىم كۆرۈلدى ikbal ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-1 8:59:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ