ياشاشنى قوغلاشماڭلار
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
سالام قىلدىم خۇش مۇبارەك قوبۇل قىلىڭلار،
تۇرمۇش ئىكەن ئاسان ئەمەس سەبىر قىلىڭلار.
ۋاقىت ئۆتمەي كەتمەس زامان تۇرماس ھەتتا،
ئۆلۈشىمنى بىلمەيتىم مەن ياشاشنى قوغلاشماڭلار.
ئىچ-ئىچىدىن كۈلگەن بىرمۇ كىتىپ قالدى ،
ئۈن-تىنسىز ياش تۆككەنمۇ كىتىپ قالدى .
كىملەر بىلەر كەتمەك بولۇپ يا ئۆلۈشىمنى ،
نەپەس توختاپ قالار ياشاشنى قوغلاشماڭلار.
تۇپراق بولۇپ يەرگە تەن سىڭىپ كەتتى ،
قۇرۇت-قوڭغۇز يەپمۇ ھەم چىرىپ كەتتى .
روھ ئايرىلىپ تەندىن ئەمدى ئۇچۇپ كەتتى ،
نېمە قالدى يارىغۇدەك تىڭشا نېمە يەتتى ؟
ياشاۋاتامسەن بىلگىنىڭدەك ياشاشنى قوغلاشماڭلار .
يېڭى ئىز دەپ مېڭۋاتامدۇق توۋا دەپتىمەن ،
مۆھۈر بېسىلىپ كەتتىمۇ يا ھەيران قاپتىمەن .
سەبىر دىدىم يەنە سەبىر ئېغىر ئۇھسىنىپ ،
ئۆلۈك كەبى ئەمدى ياشاشنى قوغلاشماڭلار .
2016-يىل 12-ئاينىڭ 4-كۈنى
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-4 22:46:35 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|