رەنجىتمىگىن ئ‍اناڭنى - رىزۋانگۈل (مودەن)

 رەنجىتمىگىن ئ‍اناڭنى

رىزۋانگۈل (مودەن)

ئ‍ۆزگە ئ‍ۈچۈن ئ‍اناڭنى رەنجىتمىگىن قېرىنداش،
ئ‍امەت كەتسە ئۆزگىلەر بولالمايدۇ ھەم ئ‍اداش.
ئ‍ەزىز بىلەر جېنىدىن پەقەت ساڭا ئ‍ۇ دىلداش،
غەملىرىڭنى ھەر ۋاقىت قىلار ھەتتا تۈكۈپ ياش.
،،،،،،،،،،،
سائادىتىڭ ياتلاردەك  دىلىنى غەش ئ‍ەتمەيدۇ،
ياتلار ئ‍اڭا ھەرگىزمۇ يېقىنىڭغا يەتمەيدۇ.
شۆھرىتىڭدىن سۈيۈنەرساڭا سوغ سۇ سەپمەيدۇ،
دەرىت-ئەلەملەر كەلگەندە يانلىرىڭدىن كەتمەيدۇ.
،،،،،،،،،،،،،،
ئ‍ەزىز ئ‍اناڭ مىھماندۇر شۇڭا قىلما دىل ئ‍ازار،
دىل ئ‍ازارى  قىلغاندىن ياراتقان خۇدا بىزار،
ئ‍اناڭ بار يېنىڭدا خۇشاللىق دەملىرىڭ ئ‍ۇزار،
كەتسە ئەگەر بېغىڭدىن ھايات گۈللىرىڭ تۇزار.


2016-يىل21-ئۆكتەبىر .مايتاغ
     





36 قېتىم كۆرۈلدى رىزۋانگۈل (مودەن) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-22 1:44:10  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ