ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى- ئەكبەر ئەركىن

  ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى  
 ئەكبەر ئەركىن 


مۇڭ ئىكەنتۇق كونا بولسىمۇ،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.
مەن چوڭ بولدۇم ياڭرىماس بولدى،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.

يىغىللىرىم جىم بولار شۇ دەم،
مۇڭلىنىپ ئاڭلىسام ھەردەم،
ئەمدى يوق چوڭ بولۇپ كەتسەم،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.

ئېيتالمايدۇ ھازىرقى ئانىلار،
ئۇنتۇپ كەتتى بەلكىم دادىلار،
ھەمراھ بولغاچ ھوزۇر ئۇيقىلار،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.

ئەجداتلاردىن مىراس ئىكەنتۇق،
سەبىيلەرگە گۈلشەن ئىكەنتۇق،
ناخشا مۇقامنىڭ سۇلتانى كەنتۇق،
ئانام ئېيتقان ئەللەي ناخشىسى.

ئۈندىدار:2629888235   





147 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-11 23:26:03  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-10-15 8:37:51 oh/
bak yahxi yizptu
2016-10-14 22:54:31 زۇلخۇمار
ياخشى يېزىپسەن ئ‍ۇكام،يارايسەن
2016-10-14 21:50:33 مەۋلان
ياخشى چىقىپتۇ ــ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ