ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن
-ئىرپان نەبى
تاغلار ئاشساڭ قەدەملىرىڭدە ،
باغلارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىن .
ئاق بۇلۇتقا بىشىڭ يەتسىمۇ،
مۆلدۈر بولۇپ چۈشۈپ قالمىغىن.
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
ئويناپ،كۈلگىن ياخشىلار بىلەن.
تەقدىر ساڭا باھارنى بەرسۇن،
كىرىپ كەلگىن ناخشىلار بىلەن.
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
بۇلۇت بولۇپ ئاسمانلىرىڭدا.
يامغۇر بولۇپ چۈشەلمىسەممۇ،
سايە تاشلاي ئاپتاپلىرىڭغا .
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
يەتمىسەممۇ ئاشىقلىرىڭغا.
شۇلار بىلەن تەڭ كۈلۈپ ئۆتكىن،
گۈللەر تۇتاي مەشۇقلىرىڭغا.
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
يانلىرىڭدا بولالمىساممۇ .
دىكابىردا سەن بىلەن ئەمدى،
قارنى دەسسەپ ماڭالمىساممۇ.
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
كاككۇك كەبى سايرالمىساممۇ.
ئاتاڭ بولۇپ ۋەياكى سىنىڭ،
پىشانەڭگە سۆيەلمىسەممۇ.
ساڭا شۇنداق بەخىت تىلەيمەن،
جۈپ قولۇمدا چاۋاكلار ساڭا.
ھەيران بولۇپ دىسەڭ ئەگەر،
بۇ كۆڭلۈمدىكى جاۋابلار ساڭا .
2016-يىلى 16-فىۋرال غۇلجا
106 قېتىم كۆرۈلدى | erpan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-2-18 12:55:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|