ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ- مەمەتجان سەمەت

 ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ

 مەمەتجان سەمەت


      چۈمدى شاتلىققا ھەممە بالىلار،
      بۈگۈن قۇتلۇق بـۇ ھېيتىمىز كەلگەچ.
      ئەپسۇس بەكلا مەن غېرىپسىندىمغۇ،
      ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ.

      ھييىت بەزمىسى بولسىمۇ مانا
      چۇشۇپ ئوتتۇرغا غۇلاچلاپ تازا.
      ئوينىيالمىدىم شوخ ئۇسۇل ساما،
      ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ.

      ئىسىل تون ئېلىپ كىيەلمىدىمغۇ،
      ھېيىتلىق بەردەپ دىيەلمىدىمغۇ.
      شرىن شەربەتلەر ئىچەلمىدىمغۇ،
      ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ.

      ھېچكىم كىرمىگەچ ھېيىتلاپ ئۆيگە،
      ئولتۇرۇپ يالغۇز ياش ئېلىپ كۆزگە.
      ئۆكسۈپ يىغلىدىم ئۈنۈم ئۆچكىچە،
      ھېيىت كەلسىمۇ ئانام كەلمىگەچ.

  ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
 ئۈندىدار. چ چ. 308381500
       





24 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان سەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-6-30 9:54:01  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ