بىر يۇتۇم چاي قۇيالماپتىمەن
(ئابدۇرىشىت_ABD)
ۋېسالىڭغا يىتەلمەي شۇ كۈن ،
مەيخانىغا يۈگرۈپتىكەنمەن .
ئاچچىقىنە ئازاپلار ئىچرە ،
شۇ نىجىسنى تىتىپتىكەنمەن .
دىلىم دەرت ۋە ئۇشبۇ ھەسراتكە ،
تولدىمۇ يا بىلەلمەپتىمەن .
ۋاپا ئىزدەپ ئىرىشتىم جاپا ،
ئەسلى مەنبىر ئەخماق ئىكەنمەن .
ئازار يىسەم بۇ مۇھاببەتتىن ،
ئۇنتۇش ئۈچۈن ئىچىپتىكەنمەن .
شۇنچە مىھىر يانىمدا تۇرسا ،
يەنە خەقتىن كۈتۈپتىكەنمەن .
قانچە يامان ئاتالساممۇ گەر ،
ئىچ-ئىچىمگە يۈتۈپتىكەنمەن .
ئوساللىقلار پەلەككە يەتسە ،
ئىغىر ئالماي كۈلۈپتىكەنمەن .
ئايرىلىش دەپ ئىچكەندىن كۆرە ،
جۈپ قولۇمنى كۆترەلمەپتىمەن ،
نىجىس يولغا كىرگەندەك خۇددى ،
بىر رەببىمدىن تىليەلمەپتىمەن .
ياتقا بەرگەن بۇ كۆڭۈللەرنى ،
ئاتا-ئانامغا بىرەلمەپتىمەن .
مۇھتاج بولۇپ يانىمدا يۈرسە ،
بىر يۇتۇم چاي قۇيالماپتىمەن .
2017-1-18k
سىز جان دىلىڭىز بىلەن كۆيگەن شۇ كىشىلەر سىزگە ئاتا-ئانىڭىزدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بىرەلىدىمۇ !.!.!
| 22 قېتىم كۆرۈلدى | ABD110 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-2-26 15:25:26 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|