ئۆتەرمىز ھامان
ئايشەمگۈل ئەخەت
تىنىچلىق ، مۇقۇملۇق ئەۋزەل ھەممىدىن ،
ھەردائىم ھۇشيارمىز ئەسەبى كۈچتىن .
زىچلىشىپ ھەرمىللەت ئانار دانىسىدەك ،
ماڭىمىز كومپارتىيە باشلىغان يولدىن .
ئەمىنلىك قۇرۇلۇش مۇھىم سىياسەت ،
ئېپ كىلەر كەلگۈسى بەخت سائادەت .
كۈنسايىن ياخشىلاپ تۇرمۇش ساپانى ،
مەقسىتى يەتكۈزمەك ئەلگە شاپائەت .
پورەكلەپ ئېچىلسا ئىناقلىق گۈلى ،
خۇشپۇراق ھىدلاردىن سۈيۈنەر دىلى .
مىھىر- مۇھەببەتتىن گۈزەلدۇر دۇنيا ،
بىزەلسۇن مۇستەھكەم قورغاننىڭ ئۇلى .
ئەل يۇرتۇم ھەر جايدا بولسۇنكى ئامان ،
ساتقىنلىق ۋەتەنگە ھەممىدىن يامان .
بىر نىيەت مەقسەتتە قوغداش بۇرچىمىز ،
ئۇيۇلتاشتەك ئۇيۇشۇپ ئۆتەرمىز ھامان .
2017 - 6 - 3
قاراماي
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
| 38 قېتىم كۆرۈلدى | ayixa | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-3 21:03:28 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|