يىتىمنىڭ دەردى
ئاپتۇرى: سراجىدىن تۇرسۇن
ھايات شۇنداق ئىكەن ئاجايىپ سىرلىق،
يوقمىكىن دۇنيادا يىتىمنىڭ قەدرى.
قىينايدۇ بەزىدە قارا كۈلپەتلەر،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
يات كۆرمە يىتىمنى سىلا بېشىنى،
ياش تۆكسە پىنھاندا سۈرىت يېشىنى.
ئاتمىغىن ئۇنىڭغا زولۇم تېشىنى،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
بەزىدە ئاش يىسە بەزەن يەيدۇ مۇش،
نە گۇناھ ئۇنىڭدا شۇنچىلىك ئۇرۇش.
يىتىمنىڭ بېشىغا بولغىن بەخت قۇش،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
كىم خۇشتار ئۇنىڭدەك يىتىم بۇلۇشقا،
يىتىمدەك خارلىنىپ ھەسرەت يۇتۇشقا.
قول بەرگىن ئۇنىڭكى كۆڭلىن ئۇتۇشقا،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
ھىچقاچان ئۇ ساڭا تۆكمەس دەردىنى،
يىمەيدۇ ئۇ پەقەت كىشنىڭ ھەققىنى.
ئېسىدە تۇتىدۇ ئۆتكەن ساۋاقنى،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
يوق ئۇنىڭ كۆيۈمچان ئاتا-ئانىسى،
بەك ئېغىر يىتىمنىڭ قەلب يارىسى.
ئۈزۈلگەن شۇڭلاشقا يۈرەك تارىسى،
ئۆزىگە يىتىپ ئاشار يىتىمنىڭ دەردى.
2017-----2---23كىچە
ئاپتۇرنىڭ ئۇندىدار نۇمۇرى
13070007107
93 قېتىم كۆرۈلدى | ssssss | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-11 10:40:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|