ئىچىنىمەن ئادەم سىياق سەندەك دادىغا
مۇھەممەت مەخمۇت شىئىرى
www.yazghuqilar.com
كىچىلىرى كىرمەيسە يۈرۈپ قاۋاقتا،
خوتۇن بالاڭ كۈتەركەن سىنى تاماقتا.
سورىشاركەن باللىرىڭ دادام قاياقتا،
ئىچىنىمەن ئادەم سىياق سەندەك دادىغا .
يانچۇق قۇرۇق يۈرىيسەن بايۋەتچىدەكلا،
پۇل تاپساڭلا بارىسەن دىبا كۇلۇپقا .
خوتۇن بالاڭ پۇل سورىسا قاپاق تۈرۈپلا ،
ئىچىنىمەن ئادەم سىياق سەندەك دادىغا.
كۈنلەر ئۆتۈپ ئايالىڭمۇ يۈرەر ھەر ياقتا،
قايسى بىر ئەر چاقىرسا كىتەر شۇ ياققا.
نەگە باردىڭ دىمەيلا ھە دەپ قويۇپلا ،
ئچىنىمەن ئادەم سىياق سەندەك دادىغا .
ئاتا - ئانا كارى بولماي يۈرەر قىزىغا ،
چاچلىرى سىرىق يىرىم يالىڭاچ يۈرگەن تۇرقىغا
توۋا دەيمەن غۇرۇرى يوق شۇنداق دادىغا ،
ئىچىنىمەن ئادەم سىياق سەندەك دادىغا .
يۈزلىنەيلى قىرىنداشلار گۈزەل ئەخلاققا ،
ئۆرۈپ ئادەت قىپ قالسۇن كىيىنكى ئەۋلاتقا
تارىخىمىز گۈزەل بولۇپ چاقنار ھەر ياقتا،
تىنىچ ئامان خاتىرجەمىك بولۇر ئەل يۇرىتقا
مۇھەممەت مەخمۇت شىئىرى
2016-10-29 كۈنى يېزىلدى
پىكىر تەكلىپ بولسا 18999945361 ئالاقىلىشىڭلا
| 50 قېتىم كۆرۈلدى | muhammat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-29 0:58:01 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|