ئالتۇن باشاق مايسىلار (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

ئالتۇن باشاق مايسىلار
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

يېتىپ كېلىپ ئالتۇن ياز،لەپىلدىدى مايسىلار،
روھلاندۇرۇپ دېھقاننى،سۆيۈندۈردى ھوسۇللار،
قۇياش نۇرى تىكلىشىپ،مايسىلارغا نۇر چاچتى،
نۇرلۇق بولغاچ سىياسەت،ھەممە ئاۋام زوقلاندى.

ھوزۇرلاندى دېھقانلار،ئەجىر قىلىپ تەر تۆككەچ،
ئۇلۇغ ۋەتەن قوينىدا،سىياسەتتىن سۆيۈنگەچ،
ھوسۇللىرى مول بولغاچ،تەبرىكلىدى چىن دىلدىن،
ئىجىل ئىناق بولدىغۇ،مۇقىملىقنى كۈيلىگەچ.

ئالتۇن باشاق مايسىلار،دېھقانلارنىڭ بايلىغى،
ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىمىز،ھەممەيلەننىڭ يايلىغى،
سۆيۈنىمىز پارتىيە،سىياسەتتىن،نۇرىڭدىن،
بەك مۇھىمدۇر ئىناقلىق،بارچە مىللەت ئارزۇسى.

سۆيۈنىمەن يازىڭدىن،ئېزىز ۋەتەن ئانامدىن،
تەربىيىلەيمەن ئەۋلادنى،ۋۇجۇدۇمدىن،جېنىمدىن،
قول تۇتۇشۇپ كۈلۈشۈپ،قوشماق تۇققان بولۇشۇپ،
قەلبىمىزگە پۈكىمىز،ئىناق ماكان قۇرۇشنى.

بولالمىساق ئىتتىپاق،بولماس ئەبەد گۈللۈنۈش،
سوتسىيالىزم نۇرلۇق يول،تەۋرەنمەيمىز،ماڭىمىز،
ئىسلاھاتتا چىڭ تۇرۇپ،ئېچىۋېتىشنى تىزلىتىپ،
گۈزەل ۋەتەن قۇرۇشقا،دادىل ئالغا چامدايمىز.

ئەسەبىيلەر،تەلۋىلەر،ھەممىمىزنىڭ دۈشمىنى،
زەربە بېرىپ ئۇلارغا،يۈرۈگىنى ئىزىمىز،
مۇقۇملۇقتۇر باش نىشان،بارچە مىللەت ئارزۇسى،
ئەمەل قىلىپ ھەقىقىي،باش نىشانغا يىتىمىز.
     





28 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان( كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:19:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ