ھېسام
ئېھكىرام رېھىمجان
ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلخانى ھېسام ،
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چولپانى ھېسام .
سەنسز قىززىماس ھەر بىر سورۇن ،
چاقچاق يۇمۇرنىڭ پىلكى ھېسام .
ئوتتۇرا ئاسيانىڭ داڭلىق كۈلكىسى ،
تېرىك نەسىردىن ئىدىڭغۇ ھېسام .
يۇمۇرلىرىڭنىڭ تۆت پەسلى باھار ،
سەن بار يەرلەردە خۇشاللىق ياغار .
مېنىڭ نەزىرىمدە كۈلكە ئەلچىسى ،
خۇشاللىق كانى قىزىقچى ھېسام .
دىدار كۆرشۇش بولمىدى نىسىپ ،
چاقچاقلىرىڭدىن ئىزلدىم ھېسام .
كەتتڭغۇ بىزلەنى تاشلاپ يىراققا ،
چاقچاقلىرىڭ ياڭردىغۇ ھەر ياقتا .
ئۆچمەيسەن مەڭگۇ ئۇيغۇر دىلدا ،
غۇلجا ئوغلانىنڭ پەخىرى ھېسام .
ئاپتور : ئېھكىرام رېھىمجان
2017.2.6
| 54 قېتىم كۆرۈلدى | ئېھكىرام رېھىمجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-29 20:58:42 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|