مەن قىرىققا كىرىپ قاپتىمەن
گۈلشىرە تۇرسۇن كۆكبېشى
ئەللەي ناخشاڭ قۇلاق تۈۋىمدە ،
ئېيتقىن ئانا كۆنۈپ قاپتىمەن ،
كونا بۆشۈك "بالىسى "ئىدىم ،
بۈگۈن مانا چوڭ بوپ قاپتىمەن.
گۆدەك ئىدىم ئىش ئۇقمايدىغان ،
بۈگۈن ئەقىل تېپىپ قاپتىمەن ،
جىدەلخورلۇق قىلغانمۇ ئىدىم ،
ئەمدى ئويلاپ كۈلۈپ ساپتىمەن،
بالىلىقتىن خوشلاشماي تۇرۇپ ،
دادىسى يوق بولۇپ قاپتىمەن،
ئاتا قەدرى ئۆتۈلگەن بۇدەم ،
قەۋرىستاندا يۈرۈپ قاپتىمەن …
تۇرمۇش ئۈچۈن يەڭنى تۈرگەندە ،
ئەجەپ باتۇر بولۇپ قاپتىمەن ،
ئاجىز ئىدى ئەسلى ئايال زات،
مەن ئەركەكتەك ئىشلەپ قاپتىمەن .
كۆكلەم پەسلى سۈبھى تاڭ پەيتى ،
ئىڭڭە بىلەن كۆز ئىچىپتىمەن،
ئۆتۈپ شۇنداق باھار قىش ،يازىم ،
مەن قىرىققا كىرىپ قاپتىمەن.
2017-4-5
| 68 قېتىم كۆرۈلدى | KOKBEXI | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-28 20:08:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|