سۈنھۇكۇڭ يارىم - نازۇك گۈل

سۈنھۇكۇڭ يارىم 

 نازۇك گۈل


 ھېچ بىلمىدىم شۇمۇدۇ قىسمەت ،
ئ‍ازاپلارغا قويدى مىنى يار .
بەكمۇ سوغوق قىلغان سۆزلىرى،
مىسكىن قەلبىم يىدىغۇ ئ‍ازار .

يار سۈيەتتى مىنى ئۆلگىچە ،
سۆيگۈسىنى قىلغانغۇ ئ‍ىزھار .
لىكىن بۈگۈن ئ‍ۆزگەردى نىچۈن،
ئ‍ەجەپ مىنى قىلدى ئ‍ىنتىزار .

مەن بىلمەن رەنجىدى چۇقۇم ،
قىلغان سۆزگە مەن ئ‍ۈزۈم ئ‍ىقرار .
سوغوق سۆزلەش زۈرۈر ئ‍ەمەسقۇ،
رەنجىپ مەندىن  بولمىسا بىزار .

يار رەنجىسە مۈشكۈلى ماڭا،
مەن ئ‍ەمەسمۇ ئ‍ۇيقۇدىن بىدار .
سادىق بولسا چىن سۆيگۈمىزگە،
ھەرنە قىلسا ئ‍ۇندا ئ‍ىختىيار .

ھۆرمەت قىلسا مىنى يار بىلىپ،
دەرت ئەلەمدە قىلمىسا بىمار .
ياشىساقكەن مەڭگۈ جۈپ بۇلۇپ،
بىر ئ‍ۈمۈرلىك بۇلۇپ بەختىيار.
     





73 قېتىم كۆرۈلدى نازۇك گۈل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-28 21:07:45  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-1 0:10:14 مەن
ناھايىتى ياخشى
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ