يارغا خىتاب (شېئىر) - مەمەتجان باش كارۋان

يارغا خىتاب
مەمەتجان باش كارۋان


مەن تاڭدا شوخ سايرىغان بۇلبۇل،
جېنىم ھەتتا يالغۇز چاڭقىغان دىل.
گۈلشەن ئەمەس ئىزلىگىنىم ئەي يار،
تۇتۇلسا دەيتتىم مۇھەببەتتىن گۈل.

مۇھەببەت چەشمەسىدىن يەتسە مەي،
خۇش ئالاتتىم تۇتقانلار ئەزىز دەپ.
نىگارا يەتكىن قەدرىمگە زەن سال،
قەلبىڭگە چىن پۈتكەن ياردىن تەخت تاپ.

كۆكتە ئاي تۈندە كاككۇك ساداسى،
مەن يالغۇز يۇلتۇزلار گۇۋاھ ئىشققا.
بىلسەڭ گۈلۈم مەنكى ئاشق ساڭىلا،
تەشنا دىلىم ھەتتا يارغا بىر بېقىشقا.
     





107 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-26 4:43:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ