بۇ دۇنيا (شېئىر)
پاتىگۈل ئاخۇنقارى
گاھ كۇلدۇرۇپ گاھىدا يىغلىتاركەن بۇ دۇنيا ،
قىشتا سولغان غۇنچىنى بىخلىتاركەن بۇ دۇنيا .
بەزىلەرگە شۇنچىلىك رەھىمسىزلىك قىلسىمۇ ،
بىر ياخشىنى ياماندىن ئىلغىتاركەن بۇ دۇنيا .
تالاشمىغىن ئەجدادتىن قالار ئىكەن بۇ دۇنيا ،
سېنى تېخى مازارغا سالار ئىكەن بۇ دۇنيا .
جۇپ قولىدا گۈلدەستە كۆتۈرگەنلەر ئاز ئەمەس ،
بەزەن يەنە ئىت كەبى تالار ئىكەن بۇ دۇنيا .
قايناپ تۇرغان قازاننىڭ ئۆزى ئىكەن بۇ دۇنيا ،
گاھ ئاشىقنىڭ بىغۇبار سۆزى ئىكەن بۇ دۇنيا .
بازىرى كۆپ شۇنچىلىك تاپالمايسەن لازىملىق ،
دەرت-قايغۇنىڭ ،ھەسرەتنىڭ كۆزى ئىكەن بۇ دۇنيا .
| 85 قېتىم كۆرۈلدى | پاتىگۈل ئاخۇنقارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-13 15:10:00 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|