ئانا كەچۈرگىن
ئەلشىر ئابدۇۋەلى
توسىدى يولۇمنى ئاجىز ھېسياتىم ،
يوقاتتى ئەقلىمنى مۇھەببەت سۆيگۈم .
ئويۇن دەپ ئەقلىمدىن ئايرىلدىم بۈگۈن ،
ۋاپاسىز ئوغلۇڭمەن ئانا كەچۈرگىن .
نەقەدەر شۇنچە ساپ غۇبارسىز كۆڭلۈم ،
ئايرىدى ئەقلىمنى سۇسلاشقان دىلىم .
كۆزلىرىم تورلاشتى ھەم ئاجىز تېنىم ،
ھەق سۆزگە كەلمەيدۇ سۆزلىگەن تىلىم .
جان ئانام بەرگەنغۇ ماڭا مېھرىنى،
پاك مېھىر ئىدىغۇ مىنىڭ گۆھىرىم .
قەدىرلەپ ئۆتسەمچۇ ئېسىت بۇرۇندىن ،
ئەمدى مەن تۈگىمەس دەرتلەردە قالدىم .
غەم باسقان كۈنلەردە يوقلىيالماي قالدىم ،
"ئانا ھالىڭ قانداق "دەپ سورىيالمىدىم .
مۇھەببەت ۋە ئويۇندىن ئايرىيالمىدىم،
ۋاپاسىز ئوغلۇڭمەن ئانا كەچۈرگىن .
ئانا دەپ چىقتىغۇ چۈچۈك تىللىرىم ،
ئانا سەن بولغاچقا غەمسىز كۈنلىرىم .
سىنىڭسىز ھەم بولماس داغدام يوللۇرۇم ،
ۋاپاسىز ئوغلۇڭمەن ئانا كەچۈرگىن .
ئاپتۇرى؛ئەلشىر ئابدۇۋەلى
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | alixir | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-6 21:38:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|