ياتلاشمايلى دوسلۇرۇم - ئابدىراھمان ھېكىم

·—ياتلاشمايلى دوسلۇرۇم—·

🎄💔ئابدىراھمان ھېكىم💔🎄 🌹ئىشەنچ🌹

ھەممە  ئادەم  بۇلۇپ كەتتى  ئالدىراش،
نەپ يەتمىسەۋاقتى يوق سىزگە قاراش؟…
ئۆلچىنىدۇ  دوسلارمۇ بۇ كۈندە بايلىقتا،
ئاددى بولسا ئورنى يوق دەپ قاشماقتا،

ئىناق  ئۆتكەن   دوسلار،  باياشات   كۈنلەردە،
ئەمدى يۈز ئۈرۈپ قالدۇردى قاراڭغۇ تۈنلەردە،
دوس دۈشمەنگە ئايلانسا  ئۆزىدىن چاندۇرۇپ،
دۈشەنلەر پايدىلاندى پۇرسەتتىن چۆلدە قالدۇرۇپ،

ئادەملەر ئۆزگەردى ھازىرقى زامانغا بويسۇنۇپ،
تۈگىمەيدۇ بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى،زادى ئۇھسىنىپ،
تۇرمۇش شەيتان كەبى بىر ئايال ئۆزى،
ھىچكىمنىڭ  كۆرمەيدۇ  ھەقنى  كۆزى،

ئىزدەپ    بارغۇدەك   دوس    بۇرادەر   قالمىدى،
زۇلمەت قاپلاپ دىللارنى،بىزگە ئىنساپ  سالمىدى،
بولمىغاچقا دوسلۇق مىھرى،بۇ دۇنيادا ياراتمىدى،
ئاددىكەن دەپ قاراپ قىلغان سالامنىمۇ ئىلىك ئالمىدى،

ۋىژدان  قېنى دوسلۇرۇم  بىزدىكى غورور نەدە،
مال دۇنيا دەپ دوسلۇرۇم ئۈتۈمۈزمۇ  كۈندە،
ياتلاشمايلى دوسلۇرۇم،بولساقمۇ بىز ھەر يەردە،
ئىزدىشەيلى دوسلۇرۇم ئادىمىيلىك بارمۇ بىزدە؟…

2016-يىلى10-ئاينىڭ19 -كۈنى كۇچا

506838927
     





95 قېتىم كۆرۈلدى ixanq ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-19 20:32:08  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ