خەير جېنىم خەيىر ئەلۋىدا
د . قەلبىدىن
خەير جېنىم خەيىر ئەلۋىدا ،
ئامالسىزمەن تەغدىر ئالدىدا ،
گۈلۈم دىسەم قەلبىم بېغىمنىڭ ،
مامكام بولۇپ ئۇچتۇڭ ئەلۋىدا .
سېنى جاندىن ئەزىز كۆرەتتىم ،
جانىم بىلىپ كۈلۈپ يۈرەتتىم ،
سۆيگۈڭ ئۈچۈن جاننى بېرەتتىم ،
بىلمەي قالدىڭ جېنىم ئەلۋىدا .
ۋىسال ئۈچۈن تىلەمچى بولدۇم ،
قايرىل دېسەڭ ھەتتاكى سۇندۇم ،
ئاشىق بولۇپ ھېجرانغا تولدۇم ،
خەير گۈلۈم باغرىم ئەلۋىدا .
خۇش بولساڭلا كېتىمەن ئەمدى ،
سېنى زىنھار كۆرمەيمەن زادى ،
كۆيۈپ يۈرۈپ ئازابىڭ قالدى ،
كۆزۈم ياشلاپ قالدىم ئەلۋىدا .
9-چىسلا كەچ
| 85 قېتىم كۆرۈلدى | kalbidin | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-13 14:01:38 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|