ئۇلار قېشىمدا (شېئىر) - ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن

ئۇلار قېشىمدا (شېئىر)

ئابدۇسالام ئابدۇللا بۆرە تېكىن


كۈلپەتلەر سايىسى ئۇچماس بېشىمدا،
ھىجران سۇغۇرلماس تۆككەن يېشىمدا.
ئاتا-ئانام باردۇركى بەخىت بايلىقىم،
سەپەرلەردا ھەمراھتۇر ئۇلار قېشىمدا.

مۈشكۈلمۇ ئاسان قىسلمايمەن يوقۇمدا،
كۆيسەممۇ ئۆلمەيمەن تۇرمۇش ئوتۇمدا.
يوقسۇزلۇق قەددىمنى ئەگدۈرگىنى يوق،
تۇمۇرداش غەمگۈزارىم ئاكام قېشىمدا.

نوقسانىمنى تۈزەيدۇ قىلغان ئىشىمدا،
تۇز بۇلۇر ھەرۋاق ئىچكەن ئېشىمدا.
دۈشمەن نەشتىرى سانجىلماس ماڭا،
قالقانىمدۇر دوستۇم قوغدار قېشمدا.

شام بۇلۇپ كۆيدى ماڭغان يۇلۇمدا،
مەرىپەتنىڭ داۋانلىرىدا قولى قۇلۇمدا.
سىڭدۈردى قەلبىمگە ھايات مەناسى،
نادامەتنىڭ دەشتلىرىدە ئۇستاز يېنىمدا.

2016.12.27
     





41 قېتىم كۆرۈلدى abdu4745 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-28 16:25:30  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ