غەزەل - چىن يۈرەكتىن
  چىن يۈرەكتىن 
 
  (غەزەل)
 
 ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
چىن يۈرەكتىن يازاي مەن يارىمغا شۇڭا خەت،
دەردى ھالىمنى ئەيتىپ ساڭا مەن يازاي خەت.

جانان ھۆسنىگە تەشنا بۇلۇپ قەلبىمدىن مەن،
ئىشقىغا مۇپتىلا قىلغان دىلدارىمغا خەت.

شۇنچە مەجنۇن كەبى مەن بولدۇم سەرسانە ھەم،
ئوت پۇراقىڭدا كۆيدۈم ساڭا زۇنھارى خەت.

ۋە لىكىن پەرھاد ئەمەسمەن ئاشتىم ئۇنىڭدىن،
تاغ يېرىپ،ئوكيان كېزىپ،شۇڭا يارىمغا خەت.

بۇ نۈچۈك ھالدۇر ماڭا تۈنلەر ئارا قالدىم،
بارچە دەرمانىمنى يىغىپ يازدىم ساڭا خەت.

گۈل-گۈلىستان خوشلىقىم ياقماس ماڭا سەنسىز،
دەشتى چۆللەر كەزسەممۇ مەن،يازدىم ساڭا خەت.

شىپائى قانماس يەنە بۇ ۋەتەن ئىشقىغا،
قەلبى ئوت ئىشقى بىلەن يازدۇ خەلقىگە خەت.

چاغلىماي ئاتتىم ئۆزەمنى ئوتقا شۇنداق ھەم،
ئىشەنچ مىھرى بىلەن كۆيدىم شۇڭا يازدىم خەت.

نا ئۈمۈت قىلما مېنى ھەم ئېشەندىم ساڭا،
ئاق شايىدەك كۆڭلىم بىلەن يازدىم شۇڭا خەت.

چىن مۇھەببەت ھاياتىمىزنىڭ زىننىتىدۇر،
بەخىت ئەيلەپ ھىممىتىڭگە يازدىم ساڭا خەت.
 
ـــ شىپائى 2016-يىلى
 ئۈندىدار : 13999215195   




192 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 17:54:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ