مەخسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن
ئەكبەرجان
غايەڭ ئۈچۈن تىرىش ھارمىغىن،
راۋابىڭنى كۈندە چالمىغان.
نېچۈن كەلدىڭ ئويلىغاچ تۇرغىن،
مەقسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
قىيىن ئىشقىمۇ قولۇڭنى سالغىن،
ئېگىز چوققىغا ياماشقىن ماڭغىن.
كۆرەشچانلار كۆپتۇر ئالدىڭدا،
مەقسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
توم توملىرىنىمۇ قولۇڭغا ئالغىن،
ئالتۇن كەبى پارقىراپ يانغىن.
ئالتۇن كۆپتۇر ئۇنىڭ ئىچىدە،
مەقسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
ئۇچقۇندىن چىقىدۇ يانغىن،
ئۇچقۇن بولۇپ سەنمۇ ھەم يانغىن.
ئالدىڭدىكى بولسۇن نۇرلۇق شام،
مەقسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
ئۈمىدىنى ياخشى ئاقلىغىن،
توساقلاردىن تېزلا ئاتلىغىن.
مەغلۇب بولساڭ يېتىپ سالمىغىن،
مەقسىتىڭنى ئۇنتۇپ قالمىغىن.
نامەرد ئېشىنى ھەرگىز ئالمىغىن،
بىلىپ بىلمەي خورجۇنىغا سالمىغىن.
چۈنكى شۇنداق نىشانىڭ بار سېنىڭكى،
مەقسىتىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغىن.
2016-يىل 16-نويابىر خوتەن
346 قېتىم كۆرۈلدى | akbarjan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-18 14:08:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-1-4 3:37:09 | ئىبراھىم |
ياخشى يېزىپسىز دوستىم› |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|