ئاشىق نالىسى - ئا . ئەپەندى

ئاشىق  نالىسى
 ئا . ئەپەندى


كىچىلەر ئۇزۇن  تولىمۇ ئۇزۇن،
كۆزلەر كۆككە مۇڭسىز تىكىلگەن.
ئەسلەش قىيىن، تولىمۇ قىيىن،
يۈرەكلەر پىراقتا يارا ئېتىلگەن.

كۈنلەر ئۇزۇن تولىمۇ ئۇزۇن،
بۇ ھال بىر خىل داۋاملا ئەتكەن.
كۈتۈش سىنى، سىنىلا كۈتۈش،
نالىلەر ئۇزاق، پەلەككە يەتكەن.

ئاشىقمەن ساڭا ،ساڭىلا ئاشىق،
ئاشىقلىقىم بىلسەڭ چىكىگە يەتكەن.
خۇددى مەشۇقى شىرىنجان ئۈچۈن،
ئاشىقى پەرھاتتەك جىنىدىن كەچكەن.

    ئا . ئەپەندى (ئابدىرشىت ئابدىجاپپار )

      2016.11.25 كۈنى  ئۈرۈمچى
     





67 قېتىم كۆرۈلدى PinHaN ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-27 11:30:19  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-3 13:35:55 خالمۇرات كەرىم
بەك بەلەن چىقىپتۇ، تىرىشقىن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ