بارلىقىم، كۆزنۇرۇم پەخىرىم مىنىڭ

‏ بارلىقىم، ‏كۆز نۇرۇم پەخىرىم مىنىڭ

 

 ‏ ‏باھارگۈل ئىبرايىم ‏

 

 ‏بارلىقىم، كۆز نۇرۇم پەخىرىم مىنىڭ،

 ‏چەكمىگىن سەن ھەسرەت ئۇنى ماڭا بەر.

 ‏ياشايدۇ قەلبىمدە پاك سۆيگۈڭ سېنىڭ،

‏سېنى دەپ تەيياردۇر بىر جېنىم مىڭ ئەر.

 

 ‏ ‏مەن سېنى مەدھىيلەپ تۇرىمەن دائىم،

نامىڭغا قېتىپ ھەم ئېسىل سۈپەتنى.

 ‏كۆركەمدۇر سېنىڭكى قەلىب قەسىرىڭ،

 ‏تاللايسەن شۇڭا سەن ئېسىل ئۈلپەتنى.

 

 ‏ ‏قەددىڭنى شەمشادقا ئوخشۇتۇپ دائىم،

 ‏ھۆسنۈڭنى قۇياشقا،ئايغا تەڭ قىلدىم،

 ‏مىڭ ئەيىب بولسىمۇ يانماس بۇ رايىم،

 ‏چۈنكى مەن ھەقىقىي دوست دەپ تاللىدىم.

 

 ‏ ‏دېڭىزدەك دىلىمدا كېزىسەن ھامان،

 ‏لالىدەك ھىسلارغا پۈركەپ سەن مىنى.

 ‏زەررىچە مىھرىڭدىن ئىللىغاچ دىلىم،

 ‏مىڭ زەررە مىھرىمگە ئورايمەن سېنى.

 

‏ ‏2015-يىل باي چوڭكۆۋرۈك





171 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-15 2:23:25  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ