يىغلىغان يۈرەك
زۇلخۇمار تۇرغۇن
خۇددى بۇ رىئاللىق ئەمەستەك ، مومكىن بولمايدىغاندەك .....
مەن شۇنداق ھىس قىلىمەن ، گەرچە بۇ ئىشقا ئاللىبۇرۇن بىر ئاي بولغان بولسىمۇ !
كۆز ئالدىمدا يەنىلا شۇ سىيما .....
توغرا ، ئۇ ئوقۇتقۇچى مىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇستازىم ئىدى ، ئۇ ماڭا ھەممىنى ئۆگەتكەن ، تەلىم بەرگەن ھەقىقى مەنىدىكى ئۇستاز ئىدى .
ئۇ سىنىپقا ئاخىرقى قېتىم كىرگەن كۈنىدە بىزگە ساپلىق بىلەن بىزەلگەن ئۇنتۇلغۇسز سۈلكەتلىك تەبەسسۇمنى ھەدىيە قىلغان ، بۇ چاغدا ئۇستازىمنى ، ئۇستازىمنىڭ نۇرلۇق سىيماسىنى كۆرۈشۈمنىڭ ئاخىرقى قىتىملق بولۇپ قىلىشىنى ئويلىمىغان ، ئەسلا ئويلىمىغان ئىدىم !
سۈزۈك ئاسماندا چاقماق چىقىلغاندەك بولغان بۇ ئىش ، قەلبىمدە بىر تامچە قان ئۇيۇلدۇرۇپ قويدى ، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم ، يۈرۈگۈمدىن ھەسرەت ئىلىكىدىكى قان سىرغىپ چىقتى .
ھەر جەھەتتىن ھەممىنىڭ ھۆرمىتىنى ، قايىللىقىنى قوزغايدىغان بۇ باغۋەن يۈرۈگۈمنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن ئورۇن ئالغان ھۆرمەت ساھىبى ئىدى .
ئۇستازىم ، ئۇستاز ....!
قەلبىم پەرياد بىلەن ئىسيان كۆتۈردى....
تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئەجەل مىنىلا ئەمەس ، ھەممىنى ھەيرانلىقتا قالدۇردى ، ئەمما بۇ بىر رىئاللىق ، بۇ ئەمەليەت !!!
يۈرۈگۈمنىڭ خىتابى ئەپسۇسلۇقۇمنى تىخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى !
رەھمەت - تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈرۈشكە تىخى ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم ، ئەجرىگە تىخى مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدىم ...... .
ئۇستازىم سىنىپقا ئاخىرقى قېتىم كىرگىنىدە شۇنداق دىگىنى ئىسىمدە :
ئادەم تەربىيىلەش ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل ۋەزىپە ، ئەگەر مەن تەربىيلىگەنلەر ھەقىقى مەنىدىكى ئادەم بولۇپ يىتىشىپ چىقالىسلا ئۆزۈمدىن رازى بولالايمەن ، ئۆزۈمگە يۈز كىلەلەيمەن .
ئۇستازىمنىڭ بۇ سۆزى يۈرۈگۈمگە ئورناپ قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەي جاراڭلىق سادادا ياڭراپ تۇرىدىغان مىلودىيەگە ئايلاندى .....
ئاخرقى قىتىملىق سۈلكەتلىك تەبەسسۇم ، بۇ ھەدىيە تولىمۇ قىممەتلىك ھەم مەڭگۈلۈك بولدى . شۇنداق ، بۇ تەبەسسۇمنى ئەمدى باشقا چىرايلاردىن تاپالمايمەن ....
بۇ تەبەسسۇم ياخشىلىق ، ساپلىق بىلەن تولغان بىر قەلىبنىڭ ئوتلۇق نىداسى ، ئۇ بىر ئۇلۇغلۇق جىلۋىسى ......
ئۇنىڭدا ھەقىقەتەنمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۇغۇرۇغان باغۋەنگە خاس قەتئىي روھ بار ئىدى، بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ پەقە جىسم يوق بولدى ، خالاس !
ئۇ ھايات ، روھىيەت ئالىمىدە مەڭگۈ ھايات !
27 - ئاپرىل
شىنجاڭ سانائەت قۇرۇلۇش ئنىسىتىتۇتى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
| 66 قېتىم كۆرۈلدى | زۇلخۇمار تۇرغۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-29 1:54:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|