بىل
 بىل
 
ئېزىتقۇلاردىن يىراق بولغىن ھەقىقەتنى ئادىل بىل!
غەرەزلەردىن بۇلۇپ خالى،دوسلىرىڭنى يېقىن بىل!

قېيىن ئەمەستۇر ھەقىقەت، ھەقدايىغا يەتكۈزسەڭ،
ئۇتۇقلارغا يۈزلەنگىن ئۇنى ھەممىدە ئەۋزەل بىل!

ئۆتمىشىڭنى بىلسەڭ گەر،كەلگۈسۈڭگە نەزەر سال!
بۇزما شۇڭا ئۆزۈڭنى ھەم، ياخشىلىققا تەييار قىل!

ئىنسانلىقىڭنىڭ ئۆزى ئىززەت، ھەرزاماندا بىلسەڭ،
بەردى شۇڭا ھىممەتنى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكار قىل!

ئادىمىلىك دەرجىسى ھەم تەڭ ئەمەستۇر ھەرقاچان،
تەڭ بولالماس مەخلۇقاتىڭ ئىنسانلىقنى ئېسىل بىل!

شۇڭقار بۇلۇپ ئۇچساڭمۇ ئەتىراپىڭغا ھەم نەزەر سال!
ھەۋەسلىنىپ قارشىپ ھەم، باش ئەككەنلەنى ئالى بىل!

ئۇلۇغلۇقتا ھېكمەت بىر، بەردى شۇڭلاشقا ئىززەتنى، 
ئۇنۇتماستىن ئۇنى بىلسەڭ،قەدىرلەشنى چۇقۇم بىل!
 
ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم،4-ئۆتەبىر




246 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-4 20:53:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-6 22:08:31 مۇھەممەتجان
مەزمۇن جەھەتتىن ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما قاپىيە كەلمەپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ