ئۈزۈكۈم داتلىشىپ كەتتى
ئەرئەلى مەھمۇد ئىزتېكىن
كۆزۈڭدىن سىرغىغان قان ۋە مېنىڭ خائىنلىقم،
سىمابتەك كۆڭلۈمدىكى رەڭدارلىق ،
سۆيۈش ئۈچۈن قان يۇتتۇم ، سۆيۈپ تۇرۇپ قان قۇستۇم ،
ئۆتمىتۆشۈك ئايالنىڭ كۆزىدەك چۈشىنىكسىز،
بەرىبىر ھېچكىمىم يوق .
تۆرەلمە غول ھۈجەيرە تەتىقىقاتى سېنىڭ يۈرىكىڭنى چۈشىنىشتىن مىڭ ھەسسە ئوڭاي ،
پىروبىركىدا يۈرەك يىتىشتۈرۈشمۇ يۈرىكىڭگە مېنى تولدۇرۇشتەك تەس ئەمەس ،
يىزىلىپ ساقلانغىنى ئاران يەتتە ئاشىق - مەشۇقكەندە …
قۇمدەك چېچىلاڭغۇ خىيالىمنىڭ ئوتتۇرىدا بىر قەسىر خارابىسى بار ،
ئۈزۈكۈم داتلىشىپ كەتتى …
بەرىبىر ھېچكىمىم يوق ،
ئاھ ! ئۈزۈكۈم راستلا داتلىشىپ كېتەرمۇ؟
يەنە ئۈچمىڭ يىلدىن كىيىن ئۈزۈكۈم بىرسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا …
جېنىم توغراقلار بۇ گەپلەرنى يەتكۈز !ئۇنى ھەرگىز سۇرتمىسۇن ، ئۈزۈككە سىڭگەن مۇھەببەتنىڭ دىۋىگە ئايلىنىپ تېپىۋالغۇچىنىڭ ئۈچ شەرتىنى ئۇرۇندىشىدىن ئەمەس ، قولىغا داتلىشىپ كەتكەن يۈرىكىمنىڭ
ئۈزۈكتىن چىقىپ يەنە ئىسمىڭنى توۋلاپ …
تېپىۋالغۇچى جېنىدىن ئايرىلسۇنمۇ ؟ …
ياق ،ئۈزۈكۈم داتلىشىپ كەتسۇن …
2016-يىل 28-ئىيۇل ،غۇلجا .