غەزەل - سۆيگۈ نىداسى
 سۆيگۈ نىداسى 
 
  (غەزەل)
 
  ئابدۇرەشىد ئابدۇكېرىم
 
ئەجەپمۇ بىلمىدىڭ يارىم،تاقىتىم-تاق ئەجەم بولدى،
ئۆمۈرمۇ مانا چەكلىك ھەم چارى باغلار بىنا بولدى.

بۇلبۇللار قانات قاققان ،ۋەتەن باغرىمۇ چېمەنزارلىق،
سۆيگۈلەر بىرلىشىپ كەتكەن دىيارىمغا قېيان بولدى.

ئاشىقلار زارىقىپ ساقلاپ،سۆيگۈلەردىن جۇنۇن بولدى،
تەلمۈرۈپمۇ كەلمىدى يار،ۋەسلىگە شۇ قېيىن بولدى.

ئەجەپمۇ كەلمىدىڭ يارىم،ئىشقىڭغا مۇپتىلا بولدۇم،
ۋەسلىڭگە يېتەلمەستىن ئىنتىزارىممۇ تۇمان بولدى.

تاڭمۇ-تاڭ،تاڭلار ئىشىپ شۇ،سۆيگۈلەردىن تاما كۈتتۈم،
ناز ئۇيقىدا يېتىپ يارىم،نىدالاردىن بىدار بولدى.

كۈتۈپ شۇنداق زورۇقلاندىم،چىرايىممۇ سامان بولدى،
غېرىپ چۆلىدە بۇلۇپ مۇشتاق،يېگىنىپ زەھەر بولدى.

تاڭمۇ ئاتتى يەنە شۇنداق،بىلگىنىم شۇ جۇدالىقتۇر،
نىگارىممۇ ئۇخلاپ يېتىپ،ئۇيقىدىن شۇ بىتاپ بولدى.

كۆپ زامان پەرۋىش تېپىپمۇ بىتاپلىقتىن ئۇۋال تاپتى،
ھەسرەت بىلەن ئۆتۈپ كۈنلەر،كۆز نۇرۇممۇ غۇۋا بولدى.

ئەمدى مەن قانداق قىلاي شۇ، ئەي نىگارىم ھەسرىتىڭدە ،
گۈل باغلىرىم غازاڭ بولدى، گۈللىرى ھەم سامان بولدى.

پاراغەت ئەيلىدىم دايىم، توختىماستىن ساڭا يارىم،
مۇسەخخەر ئەيلىمەي سەنمۇ، كۈچ مادارىم يامان بولدى.

ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى سۆيگىگە ھەم ئىسار بولدۇم،
ھاياتلىق ياشلىرىم تۆگەپ، تەھتىھۇلئەنھارى بولدى.
 
ــــ شىپائى 2016-يىلى 30-يانۋار
ئۈندىدار:13999215195




163 قېتىم كۆرۈلدى abduraxit ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-30 16:55:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ