بۇ دۇنيا
ئاپتورى:مېھرىئاي توختىروزى(نازاكەت)
كەم-كۈتۈكلۈك قەيەردە ، يۇشۇرۇلماس ئۇنىڭدا ،
گەر سىنچىلاپ قارىساڭ ،ئەينەك ئىكەن بۇ دۇنيا .
جۈپى بىلەن يارالغان ،ھېچ نەرسىسى تاق ئەمەس،
بىر-بىرىگە ھەر نەپەس قوشكېزەككەن بۇ دۇنيا.
ئۆچمەيدىكەن ئەۋلاد دەپ باسقان مۆھۈر ، ئىزلىرى ،
مېھمان ئىكەن بەندىلەر ، ساھىپخاندۇر بۇ دۇنيا.
سۆيۈپ قالار بىر كۈنى سەن تۇپراققا سىڭگەندە ،
بار چېغىڭدا قەدرىڭگە يىتەلمىگەن بۇ دۇنيا.
جۇد شامالدا لاغىلداپ غال-غال تىترەپ تۇرغاندا،
قەھرىتاندا قار كەبى ياغار ئىكەن بۇ دۇنيا .
راستمۇ دېسەڭ چىنلىق يوق،ساختىلىققا كۈمۈلگەن،
ئوخشاتساڭ گەر بەئەينى قەبرىستانلىق بۇ دۇنيا.
2013-12-28
| 113 قېتىم كۆرۈلدى | nazakat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2015-10-6 10:19:22 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|