ئۈندىدارمۇ بۇ قىزدىدار
ئاپتۇر: مۇساجان ئابدۇل،غۇلجا
www.yazghuqilar.com
قىزىپ كەتتى ئۈندىدار بىر سائەتتە تۈمەن سۆز،
قىزلارسۆزىنى ئاڭلىسا، سورايدىكەن كىمۇ سىز.
ئەر كىشى مەن بولغاچقا سالام قىلسام بىرسى يوق،
ئادەم بارمۇ دىسەم مەن، دەيدۇ نىمداق سۆزلەيسىز.
ئاغىرامدۇ باشلىرى ئەر سۆزىنى ئاڭلىسا،
سالام قىلىپ توپلاردا چىن سۆزىنى باشلىسا.
توۋۋا دەيمەن بەزىدە بىر ئىنساندىن سادا يوق،
ئۇخلاپ ياتار ھەممىسى چوكان ئىغىز ئاچمىسا.
دورغىم بار بەزىدە ئۈندىداردا چوكاننى،
راسىتنى قايرىپ بىرچەتكە باشلاپ يەنە يالغاننى.
تاتلىق گەپنى ئاڭلىسا يۈگرۈپ چىقار ئاداشلار،
دىسەم كۆپتۇر بۇ ئىللەت، تۈگىمەيدۇ قالغاننى.
ئىلىم ھىكمەت سۆزلىرى بويۇن قىسار بىر چەتتە،
باشلىشىدۇ قىز ئوغال ماز پاراڭنى خىلۋەتتە.
دىھقان قىزى ئالدىراش ئۈندىدارنىڭ قۇلى بوپ،
قاراپ باقساڭ ئانىسى ئۇن تاسقايدۇ ئەلگەكتە.
ئەلچى بولدى ئۈندىدار ئېرى بارغا ئەر تىپىپ،
ياخشىلاردىن ۋە يەنە قۇسۇر ئىزدەپ گەپ تىپىپ.
قولاي كەلدى دەپتىمەن ھىكمەتلەرگە ئۆزەمچە،
ئويلاپ باقسام يالغانكەن،يۈردۇق مانا گەپ سىتىپ.
سالام قىلسام توپلاردا بىر ئىنساندىن جاۋاپ يوق،
قىزلار سۆزنى ئاڭلىسا ئاداشلارنىڭ ھالى يوق.
تۇرۇپ قالدىم ھاڭۋىقىپ زادى بىزگە نىم بولدى؟
دەيدۇ قىزلار ۋاي بولدى ئەركەكلەرنىڭ گېلى پوق.
سوراپ باقسام بولامدۇ ئۈندىدارمۇ بۇ، قىزدىدار،
ئەر سالامغا ئەركەكلەر بولۇپقاپتۇ كەم دىدار.
بىرسالامغا بىر سوغات قوشامدۇق يا يوللىساق،
ئەقلىمىزنى ئاچايلى بولۇپ كەتمەي بىي دىدار.
ئاچىل-ئاچىل گۇل ئاچىل باللار توپقا كىرمەكچى،
سۈرۈشتۇپ قىزلارنى بويتاقلارنى بىلمەكچى.
خوتىنىغا ئۇختاتماي، ھاجەتخاندا توپ ئويناپ،
يوللىغۇزۇپ سۈرتىنى چىرايىنى كۆرمەكچى.
سەكرەپ چۈشسەم ئارىغا نەدىن كەلدى ما دەيدۇ،
تولا كوت-كوت قىلماستىن ئىشڭ بولسا ماڭ دەيدۇ.
ئايلىنىدۇ بەزىدە ئۈندىدارلار جەڭگاھقا،
باشۋەتتىم جودانى نوچاڭ بولسا سال دەيدۇ.
ئېچىۋىتەر سىرىنى ئىغىز بۇزۇپ سەتلىشىپ،
تىللىشىدۇ بەس بەستە بىر بىرىنى پەسلىشىپ.
زۇۋان سۈرمەي بىرچەتتە كۇلۈپ قالمەن ھى ھى ھى،
ساراڭلاردەك تولارھەم ئىتىپ ناخشا بەسلىشىپ.
تاپالمايسەن تەلمۈرۈپ تەربىي ھىكمەت سۆزلەردىن،
تاڭ ئاتقۇچە تۈنلەرھەم،گەپ باشلايدۇ غەيۋەتتىن.
تۈگەپ كىتىپ ئېتارغا تاپالمىسا يالغان سۆز،
موللام بولۇپ بەزلىرى چۈشەر شۇئان ئىپپەتتىن.
ئاپتۇر:مۇساجان ئابدۇل.غۇلجا
1822643898:ئۈندىدارى،QQ،
2015 يىلى 9 ئاينىڭ 20 كۇنى،
خاتىرەمدىم، غۇلجا شەھرى
ئەجىرگە ھۆرمەت قىلىڭ! ئەجىرنى بۇزماڭ نامسىز قالمىسۇن!
683 قېتىم كۆرۈلدى | مۇساجان ئابدۇل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-15 23:13:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|