دەپتىمەن
ئاپتۇرى مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.
1
تاتلىق سۆيسە لىۋىمگە سۈيىدۇ دەپ كەپتىمەن ،
چۈمكەلگەندە باغرىمغا مامكاپ كەبى ئىرىپمەن.
ھەسەت قىلسا بەختىمگە دوسلۇرۇممۇ دۈشمەن بوپ،
مەن سىنىڭمەن مەڭگۈگە دەمدىكىن دەپ كەپتىمەن .
2
قۇلۇمنى چىڭ سىققاندا قۇيىۋەتمەس دەپتىمەن ،
ئىشەندۈرگەچ ئۆزىگە كىيىك ياتار دەپتىمەن .
جاراھەتلىك قەلبىمگە دورا كەبى مەلھەم بوپ،
زىدە قىلغان يۈرەكنىڭ داۋاسى دەپ كەپتىمەن .
3
ۋاپاسىزلىق قىلار دەپ ئەسلا خىيال ئەيلىمەپتىمەن،
تولغىنىپ ھەم نازلانسا ساختىلىقنى بىلمەپتىمەن.
قەلىپخانەم ئوردامدا ئەتىۋارلىق مەلىكە بوپ،
شاھ ھۇزۇرنى تەخىتتە سۈرەرمىكىن دەپتىمەن .
4
قول تۇتۇشۇپ مەن بىلەن داۋان ئاشار دەپتىمەن ،
سۆيگۈمىزنى توسقاندا قېچىپ كىتەر دەپتىمەن .
جاپادىمۇ ھالاۋەت ھەر نەپەستە بىرگە بوپ،
قول تۇتۇشۇپ قەبىرىگە بىللە كىتەر دەپتىمەن .
ئۈندىدار 18016934383
كارۋانچى
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەلى ئابلىكىم كارۋانچى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-25 19:22:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|