{ بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ }
قەلەمدە ئوسمانجان مەمەت
ھالال بىلەن ھارامنى ئايرىماس بولدۇق ،
ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىماس بولدۇق،
ھەقىيقەت يۇلىنى كۆرمەسكە سالدۇق ،
ئىلىم ئېرپان يۇلىدا يايرىماس بولدۇق،
ئېچىنىمەن ھالىمىزغا بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ،
ھە دىگەندە ئۆز ئارا سورۇن باشلىدۇق ،
ئايرىم يىغىلىشلاردىن ئەسلا قالمىدۇق،
نەسلىمىزنى ئۇنۇتتۇقمۇ بۇنى بىلمىدۇق ،
ئىلىم ھەققىدە سۆزلىسەئارغا ئالمىدۇق ،
ئېچىنىمەن ھالىمىزغا بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ،
بالىلار ئارزۇيىغا نەزەر سالمىدۇق ،
بەزى بالىلار دەيدۇ ناخشىچى بۇلىمەن دەپ،
كىتاپ ئال قۇلۇڭغا ئۇقۇ دىمىدۇق ،
لىكىن ھىچكىم دىمەيدۇ ئالىم بۇلىمەن دەپ ،
ئېچىنىمەن ھالىمىزغا بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ،
بەزىلىرىمىز ئۆي تۇتۇپ ئۆي بۇزۇپ يۈردۇق ،
ھالال جۈپتىن زىرىككەندەك ئاشنا ئوينىدۇق ،
ئەجەل يىتىپ كىلەر بىر كۈن بۇنى ئۇنىتتۇق ،
بىراۋلارغا قارا چاپلاپ يۈز تۆكتى دىدۇق ،
ئېچىنىمەن ھالىمىزغا بىزمۇ ئۇيغۇرمۇ ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيىرلىك بولسۇن مەن ئوسمانجان مەمەتتىن سالام ،
مەن ئويلان بىز ئەسلىدىن سەنئەت خۇمار خەلق بىز لىكىن ،
بىزدە ھازىر كەم بۇلىۋاتقان ئازراق يۈرەك سۈزۈم بار …
بىزدە ھازىر تالات سەھنىسى دەيمىز تەلەي يۇلتۇز دەيمىز شىرىن چۈش دەيمىز ھە يەنە نۇرغۇن سەھنىلەر بار مەنچە بولسا سەنئەتتىن خىلى تۇيۇندۇق ،مەن دەيمەن ئەشۇ سەھنىدىن .1.2سائەتلىك ۋاقىتنى پەررزەنتلەر ئۈچۈن ئاجىراتقان بولسا ،تارىخچىلار سۆزلىسە بالىلار نەسلىنى ئەسلىنى بىلىۋالىدۇ ،داڭلىق كەرخانچىلار سۆزلىسە بالىلار قانداق ئىگىلىك تىكلەشكە تىرىشىدۇ ،جەمىيەت شۇناسلا سۆزلىسە بالىلار قانداق ياشاشنى بىلىۋالىدۇ ،يازغۇچىلار سۆزلىسە بالىلار قانداق قىلغاندا ئۆز ئارزۇسىغا يىتەلەيدۇ ،
كىتاپ خۇمارلار سۆزلىسە باللا كىتاپقا قىزىقىدىغان بۇلىدۇ ،
خوش ئەزىزلە مەن سۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي …
قەلەمدە ئوسمانجان مەمەت
ئۈندىدار نۇمۇرى 18709922193.ئەسەر ئۆزگەرتمەي
ئاپتۇرنامىنى ساقلاپ قىلىڭلار قىرىنداشلا رەھمەت سىزگە …
613 قېتىم كۆرۈلدى | sansiz | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-31 22:33:38 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|