تىمتاس كىچە

 تىمتاس كىچە 

مەنزىل


ئۇچراتتىم مەن سىنى تىمتاس كىچىدە،
تۇراتتىڭ ئاي بىلەن ھۆسۈن تالىشىپ.
ئۇچرىشىپ قالغاندا ناتونۇش كۆزلەر،
مىھرىنى ئۈزەلمەي قالدى قارىشىپ.

بەلكىم بۇ ئۇچرىشىش،بىز ئۈچۈن بەخىت،
ۋەياكى تەقدىرنىڭ قىززىق چاقچىقى.
ئۇچرىشىپ، كەتتىكىن ،قايان بىلمىدىم،
قەلبىمنىڭ مۇڭلىرى ھەتتا ئاچچىقى .

سۇئالىم قەلبىڭگە سىغامدۇ سۆيگۈ،
مەن بىلەن ئۆتمەكنى بىلەمسەن بەخىت.
ئۇيغاندى  يۈرەكتە بىر ساڭا تۇيغۇ ،
ئويغاتقىن سەنمۇ ھەم مەڭگۈلۈك سۆيگۈ .

2016.10.9
  

     





60 قېتىم كۆرۈلدى manzil ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-13 22:35:41  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ