سەن ئۈچۈن تۈزەيمەن ئۆزۈمنى - ‏باھارگۈل ئىبرايىم

‏سەن ئۈچۈن تۈزەيمەن ئۆزۈمنى

 

 ‏باھارگۈل ئىبرايىم

 

 ‏ھەر دائىم سىنىلا كۆرگۈم كېلىدۇ، ‏

ئەمما،كۆردۈممۇ قاچىمەن يىراق.

 ‏ئەگەر قارىمىساڭ ئاچچىقىم كىلىدۇ،

 ‏قارىساڭ قاچۇرمەن كۆزۈمنى بىراق.

 ‏ ‏تەلمۈرۈپ كۈتىمەن ئاجايىپ كۈينى، ‏

مەدھىيلەپ كۈيىگە قاتسىكەن دەپ.

 ‏كۈيلىسەڭ ئەگەردە ناخشاڭغا قېتىپ،

 ‏تىڭشىماي كىتىمەن باردۇر نە سەۋەپ.

 ‏ ‏سەن ئۈچۈن تۈزەيمەن ھەتتا ئۆزۈمنى،

 ‏ۋە لىكىن رەنجىيمەن«چىرايلىق»دىسەڭ.

 ‏ئويلىمايمەن سىنى مىنى سۆيسە دەپ،

 ‏ئەمما قىزغىنىمەن باشقىنى سۆيسەڭ.

 

‏ ‏2016-يىلى 20-فېۋرال باي





90 قېتىم كۆرۈلدى ehsanay ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-24 23:59:23  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ