شائىر ئۆلمەيدۇ - ئابدىرېھىم تىلەشىپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20يىللىغىغا بېغىشلايمەن

شائىر ئۆلمەيدۇ


ئابدىرېھىم تىلەشىپ ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20يىللىغىغا بېغىشلايمەن!
مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى

 

كەتسەڭمۇ دۇنيادىن ئۆتكۈر ئۇستازىم،
قالدى ئەۋلاتقا تۇپا چاڭلىرىڭ.

كەتكەن كۈنۈڭنى بۈگۈن ئەسلىشىپ،
ياشلارنى تۈكۈشەر تەلكە تاغلىرىڭ.

 

تىلەشىپ نامىڭ يېزىلدى ئۆتكۈر ئۇستازىم،
.بۈگۈنكى كۈندە مانا قامۇسقا.

ئۇزۇق بۇلار  داستانلىرىڭ ھەي،
ئۇخلاپ ياتقان ھەتتا خامۇشقا.

 

سەن كىتىپ بولدى ئۆتكۈر ئۇستازىم،
ئىنسانىيەتكە چوڭ بىر يۇقۇتۇش.
ئۈمىدىڭ ئىدى سىنىڭ ئەي پىشۋا،
ئىلىم ئەھلىنى كۆپلەپ ئاۋۇتۇش.

 

ماڭدى ئەۋلاتلار سىنىڭ ئەي پىشۋا،
ياد ئىتىپلا ئىزىڭنى قوغلاپ.
ياد ئىتىپ سىنى ئۆرتىنەر يۈرەك،
باسالمىدۇق زادىلا بىزلەرمۇ توۋلاپ.


 

زىمنىمۇ ياش تۈكەر بۈگۈنكى كۈندە،

بارچە يۈرەكلەر قالمىدىغۇ ھەم.
قالدۇرغان ئەي ئاتا مىسرالىرىڭمۇ،
چاڭقىغان يۈرەككە بۇلۇر ھەرۋاخ دەم.


 

قەبرەڭگە  ئەۋلاتلار گۈللەر تېرىيمىز،
ئېچلىدۇ چېچپ خۇش پۇراق.
ئۇچراتمىدۇق كەتتىڭ دۇنيادىن،
ئۆتكۈر ئۇستازىم سىنىڭدەك سىياق.

 

كەلدۇق بۈگۈن سىنى ياد ئىتىپ،
كۆزلەرنى ياشلاپ مانا قەۋرەڭگە.
مىراس قالدۇردۇڭ قىممەتلىك بايلىق،
ئۆتكۈر ئۇستاز سەنمۇ قەۋمىڭگە.

 

2015.10.5

خوتەن چىرىيە چۈش

ئۈندىدار.18997657800

ئاپتۇر ئىسمنى قالايمقان ئۈچۈرمەڭ!
ئەمگىگىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!





146 قېتىم كۆرۈلدى مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-10-5 21:49:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-10-6 20:55:55 metro
ئۇستاز ، ئالىملارنىڭ قەدىرىنى ، ھۈرمىتىنى قىلىش ، ياتلىنىش ھەقىقى ئەۋلاتلارنىڭ بۇرچى .
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ